'يۈز يىلدىن بۇيانقى ئارزۇ' دېگەن نېمە؟
'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان 'يۈز يىلدىن بۇيانقى ئارزۇ' دېگەن نېمە؟ دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا 'يۈز يىلدىن بۇيانقى ئارزۇ' دېگەن گەپ يامراۋاتىدۇ. بۇ گەپ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كەلدى. شۇ مۇراسىمدا، ئەسكەرمۇ ئەمەس، پۇقرامۇ ئەمەس، پەقەت مانجۇچە كىيىنگەن سان - ساناقسىز دۇمباقچىلار قۇلاقنى يېرىۋەتكىدەك گۇمبۇ - گۇمباڭ سادا ياڭرىتىپ، خىتايدا ئۇيقۇ باسقان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى ئويغاتماقچى بولدى.
خىتايچىدا 'يۈز'لىگەن،، 'مىڭ'لىغان دېگەن بىر خىل نامەلۇم سان، - دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ بۇ ئوبزوردا، - ئەمما بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خىتايدا مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھەممە تارىخنى قايتىدىن جانلاندۇرماقچى بولغان 'يۈز ' دېگەن سان، 1908 - يىلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مانجۇ سۇلالىسى يىلنامىسى بۇيىچە گۇاڭشۇينىڭ 14 - يىلى، مانجۇ پادىشاھىنىڭ ئىشىكنى ئېچىش ئىسلاھاتى مەغلۇپ بولۇپ، پادىشاھ تەختتىن غۇلاشقا بىر يىل قالغان يىل. پادىشاھنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتكەن، پەيلى بۇزۇلغان يىل.
ئەگەر بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك 'يۈز' يىللىق ئارزۇ بولسا، ئۇ ھازىرقى خىتاينىڭ مانجۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىمپېرىيە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
'كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بېيجىڭ - - - دۇنيا بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئارزۇ' دېگەن كىتاب چىقتى
خوڭكوڭ - تەيۋەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تەيۋەندە ئىككى ياش يازغۇچى نەشر قىلدۇرغان 'كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بېيجىڭ - دۇنيا بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئارزۇ' ماۋزۇلۇق بىر كىتاب تارقالدى. بۇ كىتابتا مۇھىت، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، جەمئىيەت بوشلۇقى، كىشىلىك ھوقۇق دېگەن تۆت مەسىلە سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدا بىر دۇنيا دېگەن خىتايدا كىمنىڭ دۇنياسى، بىر ئارزۇ دېگەن خىتايدا كىمنىڭ ئارزۇسى دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىلىپ، ئاساسەن بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دۇنياسى ۋە ئارزۇسى ئىكەنلىكىگە ئىسپات كۆرسىتىلگەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇ ئارزۇسى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خەلقنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرى رەڭگا - رەڭ ساليۇتنىڭ تۈتەكلىرى بىلەن يېپىۋېتىلگەن.
'جەنۇبىي خىتاي تور گېزىتى' نىڭ تەھرىرى جۇ فۇيىنىڭ قارىشىچە، 'كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بېيجىڭ - دۇنيا بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئارزۇ' ناملىق كىتاب بىزگە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى چوڭ دۆلەتچىلىكنىڭ يوققا چىقىرىۋاتقانلىق ماھىيىتىنى ۋە خوڭكوڭ، تەيۋەنلەردە بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ھەشەمەتنىڭ ۋەھىمىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا غالچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
'ساختا، چوڭ ۋە قۇرۇق'
'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا ئېلان قىلىنغان 'بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار ساختا، چوڭ ھەم قۇرۇق' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇراسىمى ئۈچۈن 4 مىليارد خەلق پۇلى سەرپ قىلىپ، ئۈچ يىلدا لايىھىلەتكۈزدى. ئۇنىڭدىكى ھەشەمەتلىك بېزەكلەر بىلەن دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك ۋە چوڭ ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلماقچى بولدى. يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان خەلقنى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى ساختا دورا، ساختا ھاراق، ساختا يېمەكلىك بىلەن جەھەننەمگە ئۇزۇتۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرماقچى بولدى.
خىتايدا بىر نەچچە چوڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرغىلى، دەريالارنىڭ ئېقىنىنى تازىلىقىنى، كۆپ مەكتەپ سالغىلى، شەھەرلەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلىغىلى، مىليونلىغان ئىشچى - دېھقانلارنىڭ جىددىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدىغان پۇل بىلەن خەلققە قىلچە مەنپەئەتى بولمىغان ساختا، چوڭ ۋە قۇرۇق مەزمۇنلارنى لايىھىلەپ چىقتى. بۇ خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلاتى.
'تەيۋەنلىكلەر شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىمەڭلار'
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان پىشقەدەم مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ 'تەيۋەنلىكلەر شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىمەڭلار' دېگەن ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇردى، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پەيدا بولدى.
لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ ئوبزورىدا تەيۋەن خەلقىغە بەش نوقتىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى، شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئەمەس، خىتاي 1884 - يىلى بۇ جايغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇنىڭ نامىنى 'يېڭى چېگرا' دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇرلار 'شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى' قۇرغان. ھازىرقى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا شۇنىمۇ 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىدى' دەپ يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئىككىنچى، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى 1949 - يىلى بۇ جاينى بېسىۋالغاندىن كېيىن، 1953 - يىلىدىكى نوپۇس مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تۆتتىن ئۈچنى تەشكىل قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىست ئارمىيىسى يەر ئىگىلەپ، خىتايدىن نوپۇس كۆچۈرۈپ كېلىپ، بۇ جاينىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي خىتايلار كونترول قىلىدىغان بولدى، بۇ جايدىكى مائارىپنى، دىنىي ئېتىقادىنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
ئۈچىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدا قۇرغان ئاپتونوم رايون يالغان ئاپتونوم رايون، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشلىقى خىتاي. 70 - يىللاردا، ماۋزېدوڭ بۇ مەسىلىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن باشلىق بەلگىلەپ، بۇ جاينى بىر مەزگىل مۇقىم ھالەتتە ساقلىغان بولسىمۇ، 78 - يىلى دېڭ شاۋپىڭ بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ باشلىقى سەيپىدىن ئەزىزىنى بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىپ نەزەربەنتكە ئېلىپ، بۇ جاينى خىتايلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.
تۆتىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىنى 'تېررورلۇق' دەپ جاكارلاپ باستۇرۇپ كەلمەكتە.
بەشىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندا قەشقەر، كۇچالاردا ئېلىپ بارغان خىتاينىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى، پەقەت خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىنغان مۇستەقىللىق ھەرىكەت. ئۇنىڭ خاراكتېرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە پەيدا بولغان خىتاينىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە قارىتا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ئوخشاش، ئۇنى خىتاينىڭ زۇلۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان.