بېيجىڭ ئولىمپىكىدىكى ساختىپەزلىكلەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىكىدا قازىنىۋاتقان ئالتۇن مېداللىرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئاشكارىلىنىۋاتقان ساختىپەزلىكلىرى بىلەنمۇ دۇنيانى ھەيران قالدۇرماقتا. بولۇپمۇ ساختا بالا چولپان ۋەقەسى، ساختا 56 مىللەت كۆرۈنۈشى ۋە تەنھەركەتچى Liu xiang نىڭ ساختا ئاغرىقى خەلقئارا جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇش بىلەن بىللە ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ۋەقەلەردۇر.

0:00 / 0:00

ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەتتە ياشلىق ناخشىچى Yang shiyi چىراي - شەكىل جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك سەۋەبىدىن سەھنىگە چىقالمايدۇ. ئۇ ئېيتقان ناخشىغا چىراي - شەكىلدىكى ئەۋزەللىكى بىلەن يەنە بىر ئۆسمۈر Lin miaoke سەھنىدە رول ئالىدۇ. ئەھۋال پاش بولغاندا خىتاي تەرەپ، بۇنى سەنئەتتىكى نورمال بىر رول ئېلىش ۋە رول تولۇقلاش دەپ چۈشەندۈردى. ئەمما ئامېرىكا جامائىتى بۇنى 7 ياشلىق بىر قىزنىڭ روھىنىڭ سۇندۇرۇلۇشى ۋە ئاياق ئاستى قىلىنىشى دەپ قارىماقتا.

كۆزەتكۈچى Wang shihui ئامېرىكا جامائىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى قاراشلىرىنى مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ: " ئامېرىكىلىقلار دەسلەپتە بۇ ۋەقەگە " ئولىمپىكتا مۇنداق ساختىپەزلىكنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئىشەنمىدى. خىتاي ھېچ تەپتارتماي ئۆزىنى ئاقلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا جامائىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى بۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر خاتالىق دەپ ئىنكاس قايتۇردى. ۋاڭ شىخۇي بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئامېرىكا جامائەت پىكرىدىن يەنە مۇنداق نەقىل كەلتۈرىدۇ: يەتتە ياشلىق بىر قىزنىڭ يۇمران يۈرىكى زىدىلەندى، يەنە بىر يەتتە ياشلىق قىزغا ساختىپەزلىك ئۆگىتىلدى. ۋاڭ شىخۇي، ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق داھىيلار ۋەخپىنىڭ مەسلىھەتچىسىدۇر. ئۇ بۇ يىل 7 ‏ - ئايدا، ئاقسارايدىكى دۆلەت ئەربابلىرىدىن Dennis Wilder بىلەن سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە Dennis Wilder ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ خىتاينىڭ سەمىمىيلىكنى ئۈگىنەلمەيۋاتقانلىقى دەپ كۆرسەتكەن. ۋاڭشىخۇي بۇ ئەھۋالنى يالغۇز خىتاي سىياسىتىدىكى مەسىلە ئەمەس بەلكى خىتاي مەدەنىيىتىدىكى بىر ئاجىزلىق دەپ كۆرسىتىدۇ. ۋە بۇنىڭغا پاكىت سۈپىتىدە يەتتە ياشلىق قىز ئۇچرىغان زىيانكەشلىككە خىتاي خەلقىدە جىددىي بىر ئىنكاس قايتماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.

پروفېسسور Huang Guiyou ئولىمپىكتىكى ساختا ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى St.Thomas ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى. ئۇ بۈگۈن دوۋېي تورىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خىتاي ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن ئورۇنلانغان ساختا 56 مىللەت كۆرۈنۈشىنى، دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ئولىمپىك سەھنىسىدىكى ھاكىمىيىتى دەپ كۆرسىتىدۇ. Huang Guiyou مۇلاھىزىسىدە تەنھەركەتچى ليۇ شياڭنىڭ 18 ‏ - ئاۋغۇستتا مۇسابىقىدىن ۋاز كېچىشى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىدۇ. ئۇ ليۇ شياڭنىڭ ئاغرىقىنى ساختا ئاغرىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ليۇ شياڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، مەغلۇبىيەتنى ھەزىم قىلالماي ساختا ئاغرىق بولۇۋالغان. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ تېلېۋىزىيىدىكى كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم.

Huang Guiyou يەنە ليۇ شياڭنىڭ بۇ خىل چىدىماسلىقنى بۇ يىل 6 ‏ - ئايدا نيۇيوركتا بىر قېتىم سادىر قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، شۇ چاغدىمۇ ليۇ شياڭ، مۇسابىقىدە ئۇتالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندە، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىپادىلىگەن، بۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان. Huang Guiyou ئولىمپىكتا كۆرۈلگەن بۇ بىر قاتار ساختىپەزلىكنى خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي خاراكتېرىدىكى بىر ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ بۇ ئاجىزلىقنى ئۇتقاندا يولۋاس، ئۇتتۇرغاندا مۈشۈككە ئايلىنىش پىسخىكىسى دەپ يازىدۇ.

ئامېرىكىدىكى مەشھۇر رادىئو پروگرامما يېتەكچىسى Rush Limbaugh ئەپەندىمۇ ئولىمپىكتىكى يالغانچىلىقنى تەنقىد قىلغۇچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ پروگراممىسىدا، رىجىسسور جاڭ يىمۇ بىلەن تەنھەرىكەتچى ليۇشياڭنىڭ قىلغىنىنى دۇنيا جامائىتىگە سەمىمىيەتسىزلىك دەپ تەنقىدلەيدۇ.

خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىكى ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى نامايەن قىلىش تىرىشچانلىقىدا. ئەمما ئولىمپىكتا كۆرۈلگەن سەمىمىيەتسىزلىكلەر يۇقىرىقى ئىككى مەقسەتنىڭ ھەر ئىككىسىگە تەتۈر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۆتكەندە ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، بېيجىڭدىكى يېڭى ئامېرىكا ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە: " خىتاي سەمىمىيلىككە ئادەتلىنەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلۇغ دۆلەت بولۇش يالغۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئەمەس، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاڭدىكى يۈكسەكلىكتە ئىپادىلىنىدۇ" دەيدۇ.