بېيجىڭدا «تېررورىست» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن ئايال ئەرزدارنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

«بوشۈن» تور بېكىتىنىڭ 18-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن «تېررورىست» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن ئايالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

چەتئەللەردە خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «بوشۈن» تور بېكىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، 15-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدىكى ساقچىلارنىڭ ئەرزدارلارنى يىغىپ ئېلىپ كېتىش يولىدا، شۇ ئاپتوبۇستىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بىر ئايال ئەرزدارنىڭ سومكىسىغا «قايچا»، «پىچاق» قاتارلىق ئەسۋابلارنى سېلىپ قويۇپ، ئاندىن بۇ ئايالنى «تېررورىست» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. گەرچە «بوشۈن» تور بېكىتىدىكى خەۋەردە بۇ ئەرزدار ئايالنىڭ مىللەت تەركىبى دېيىلمىگەن بولسىمۇ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ ئەرزدار ئايالنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«بوشۈن» تور بېكىتىنىڭ 18-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بېيجىڭدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن «تېررورىست» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن ئايالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەردىكى ئايالنىڭ مىللىي كىملىكى مەسىلىسى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

«بوشۈن» تور بېكىتىدىكى خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەينى چاغدا ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەرزدارلار بايانلىرىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ ساقچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مەزكۇر ئەرزدار ئايالنى قەستلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
«15-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، بىز بىر توپ ئەرزدارلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاپتوبۇس، شەھەر سىرتىدىكى جىيۇجىڭجۇئاڭ كەنتىگە كەلگىنىمىزدە، ئاپتوبۇس توختىتىۋېلىندى. بىر توپ بېيجىڭلىق ساقچىلار ئاپتوبۇسقا چىقىپ بىزنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. بىز ساقچىلارنىڭ قايچا، پىچاق قاتارلىق ئەسۋاپلارنى ئۇ ئايالنىڭ سومكىسىغا سالغانلىقىنى كۆردۇق. ئارقىدىنلا ساقچىلار ئۇ ئايالنى ماشىنىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرغاندىن كېيىن، ئۈنلۈك ئاۋازدا ‹سومكىدا پارتلاتقۇچ بومبا يوق ئىكەن، ئەمما قاتىللىق قورالى بار ئىكەن، دېگەن تۆھمەتنى قىلىپ، ئۇ ئايالنى تۇتۇپ كەتتى.»

«بوشۈن» تور بېكىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە يەنە، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن «شىنجاڭلىق» بۇ ئايالنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلمىگەن.
خەۋەردە پەقەت بۇ ئايالنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك نامايىشلارغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ دىققەت قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، بۇ ئايالنىڭ ساقچىلار ئۇنى ئاپتوبۇستىن ئېلىپ چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى يېنىدىكى باشقا ئەرزدارلارغا، ئەگەر ئۆزىگە بىرەر پالاكەت كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ بالىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى تاپشۇرغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار بېرىلگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئۆز بايانلىرىدا، «بوشۈن» تور بېكىتىدە بېرىلگەن خەۋەردىكى «تېررورىست» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن 40 ياشلار ئەتراپىدىكى «شىنجاڭلىق ئايال» نىڭ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بېيجىڭدا تۇرۇپ ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللاردىن بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ 40 ياشلار چامىسىدىكى خۇرشىدەم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئۆزلىرى بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئايالنىڭ يەنىلا بېيجىڭدا قېلىپ ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئەرزدار، تۇتۇپ كېتىلگۈچىنىڭ بەلكىم خۇرشىدەم ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن ئۆي-مۈلك شىركىتى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان قورۇ-جايى توغرىلىق ئەرز قىلىۋاتقان خۇرشىدەم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ غۇلجىغا قايتۇرۇپ كېتىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ غۇلجىدىن كەلگەن ساقچىلاردىن قېچىپ يۈرۈپ، ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. بۇ ئەرزدارلار ئارىسىدا بېيجىڭدا يىللار بويى قېلىپ ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بېيجىڭغا تۇنجى قېتىم كېلىپ ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئەرز ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ كەلگەندىن باشقا، دائىم بېيجىڭدىكى خىتاي ئەرزدارلارغا قوشۇلۇپ، ئەرزدارلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلمەكتە ئىكەن.