بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئەرزدارلار نامايىش قىلدى

بېيجىڭدىكى 60 يېقىن خىتاي ئەرزدار پەيشەنبە كۈنى، 15 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار جۈمە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. بىر قىسىم نامايىشچىلار خىتاي نامايىشچىلار نەق مەيداندا تۇتقۇن قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر نامايىشچىلار تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن،

نامايىش يېتەكچىسى دەپ قارالغان ئادىل مەمەت Opens in new window ]

يۇرتىدىن كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

بېيجىڭدىكى خىتاي ئەرزدارلار پەيشەنبە كۈنى نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىدىكى ھەقسىزلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ قېتىم ئاساسلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن ئەرزلەرنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيدانغا تېزدىن يېتىپ كېلىپ، نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋە تارقىتىۋەتكەن. تارقىتىۋېتىلگەن بىر تۈركۈم نامايىشچىلار بېيجىڭدىكى ب د ت ئىشخانىسى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇلار، ئامېرىكا بىلەن ب د ت دىن ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنىڭ قوغدىلىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ۋەقەدىن بىر كېيىن، يەنى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە، 15 كە يېقىن ئۇيغۇر ئەرزدار ئوخشاش ئورۇندا نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئۆز نارازىلىقلىرىنى پلاكات ئېچىش، ئەرز خېتىنى نامايان قىلىش شەكلىدە ئىپادىلىگەن. ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ نامايىشى بىر سائەتتەك داۋام قىلغان.

ئۇيغۇر ئەرزدارلار نامايىشى داۋامىدا، "بىزگە ھەققانىيەت كېرەك، بىزگە ئادىللىق كېرەك!" دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن. بۇلارمۇ ئاساسلىقى ئەرزلىرىنىڭ 10 - 20 يىللاپ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بەزىلىرى قانۇن ساھەسىدىكى مىللىي كەمسىتىش ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

نامايىشقا قاتناشمىغان، ئەمما ۋەقەنىڭ باش ئاخىرىدىن خەۋەردار بىر ئەرزدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنمىغان. شۇنداقتىمۇ، نامايىشتىن كېيىن، ئادىل مەمەت ئىسىملىك بىر ئەرزدار نامايىش يېتەكچىسى دەپ قارىلىپ، يۇرتىدىن كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئادىل مەمەت ئەسلىدە پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق تەرجىمانى. ئۇ، بېيجىڭدا ئۆز ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، باشقا ئەرزدارلارنىڭ تىل قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئادىل مەمەت بۇ يىل 32 ياش بولۇپ، ئۇ بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار سەپدىشى ئادىل مەمەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن جىددىي ھالەتتە ئەندىشە قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.