ۋەن يەنخەي، ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىشنى توختىتىپ، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سوزۇشنى تەلەپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.01.19
2009.01.19
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
يېقىندا مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋەن يەنخەي ئەپەندى بېيجىڭ شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، سەھىيە ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى، جىنسىي كېسەللىكلەر - ئەيدىز كېسەللىكلەر جەمئىيىتى، سەھىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلارغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋە بۇ مۇساپىرلار ئارىسىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەكلەش سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.
"ئەيجىشىڭ" تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋەن يەنخەي ئەپەندى بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ۋە بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يازغان "ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش مەسىلىلىرى توغرىسىدا" دېگەن ماۋزۇدىكى ئىلتىماسىدا بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى چەتكە قېقىش سىياسىتى يولغا قويىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋە ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، دائىرىلەرگە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدا 7 تۈرلۈك تەكلىپ بەرگەن.
بۇ تەكلىپكلەر تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان غەيرىي دوستانە ھەرىكەتلەرنى توختىتىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىش. سىياسەت تۈزۈپ ۋە مەبلەغ ئاجىرىتىپ، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىش ئورنى پۇرسىتى يارىتىش، سەھىيە - داۋالاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش، ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاش، زەھەر تاشلىتىش مۇلازىمى ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇر باللىلىرىنى مەكتەپكە ئېلىش، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىقلار.
"ئەيجىشىڭ" تەتقىقات ئورنىدىكى ۋەن يەنخەي ئەپەندىنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يۇقىرىقى خەتنى يېزىشىدا تۆۋەندىكى بىر ۋەقەنىڭ تەسىرى زور بولغان. ئۇ، 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بېيجىڭ داشىڭدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىگە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان ئۇيغۇرلارنى يوقلاپ بېرىپ، ئەيدىز كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان بىر ئايالنى يولۇقتۇرغان، بىمارنى ئەتىسى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بىمار بۇنىڭغا ئۈلگۈرمەي قازا قىلغان. بۇ، " بىر ھەپتە ئىچىدە ئاڭلىغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى" بولۇپ، بۇ ۋەقە ئۇنى "تولىمۇ ئۆكۈندۈرگەن."
ۋەن يەنخەي ": بىز بىر ھەپتە ئىچىدە 2 ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن ئۆلگەنلىك ئەھۋالىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنتىم. ئەسلى بىز بۇ ئايالنى ھەپتىنىڭ بىرى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولغان. لېكىن ئۇ شۇ كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈنى ۋاپات بوپتۇ. مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ناھايىتى ئۆكۈندۈم. چۈنكى 38 ياشلاردىكى بۇ ئايالنىڭ ئەھۋالى ياشىنىپ ھالىدىن كەتكەن بىر قېرى ئايالنىڭ ئەھۋالىدىن پەرقلەنمەيتتى. ئۇ ئىلگىرى زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان، ئۇنىڭ ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولۇپ، بىر مەزگىل داۋالانغان ئىكەن. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن داۋالىنىپ باقمىغان. ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كېسىلىنى چۈشەنمەيدۇ، كېسىلىنى قەيەردە داۋالىتىشنى بىلمەيدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز كېسەللەر سىياسىتىدىن خەۋەرسىز ياكى ھېچكىم ئۇلارغا بۇ توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر بىمار بولسا دوختۇرخانىغا ئىشەنمەيتتى،" دەيدۇ.
بېيجىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ۋېيگۇڭسۈن بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ئىدى. لېكىن كېيىنكى 10 يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېيگۇڭسۈندىكى ئۇيغۇرلارنى قوغلىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار گەنجياكۇ، ۋېنچۈەنسى، غەربىي ۋوگزال شۇنداقلا ھازىرقى ھەر قايسى كىچىك مەھەللىلەرگە كۆچكەن ئىدى. ۋەن يەنخەي ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كونكرېت سانىنى ئېنىقلاشنىڭ قىيىنلىقىنى، بەزىدە بۇنىڭ نەچچە يۈزگە يېتىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئاقما نوپۇسنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ :" ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولسا كېرەك. نەچچە يۈز بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تازا بىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. يالغۇز بېيجىڭ ئەمەس، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە ئاقما نوپۇس كۆپەيگەن چاغلاردا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ."
ۋەن يەنخەي ئەپەندى خېتىدە، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئورگانلىرىنىڭ مېھمانخانىلارنى ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك، يەرلىك پۇقرالارنى ئۇيغۇرلارغا ئۆي ئىجارە بەرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، " مەن قەتئىي يوسۇندا بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ج خ ئىدارىسى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى، ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىلىرىنى ۋە سىياسى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆچۈش، ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، بەلكى مەسىلە ساقلانغان سەۋەبلىك ئۇلارنى خالىغانچە قوغلىۋەتمەسلىكى، خالىغانچە تۇتۇپ سولىماسلىقى كېرەك، دەپ قارايمەن،" دېگەن.
ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئولتۇراقنامە بېجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋەن يەنخەي ئەپەندى، ئۇلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى ياكى قوغلىۋېتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مەكتەپكە ئېلىنمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى ھەقسىز داۋالاش سىياسىتىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئۇيغۇرلار پايتەختنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان" لىقىنى تەنقىدلەيدۇ. ۋەن يەنخەي ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ" بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتۇر. يەنى ئۇلار جۇڭگو پۇقراسى بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەركىن كۆچۈش ۋە ئەركىن ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىشى لازىم. ئۇلارنىڭ ئىش تېپىشىغا، داۋالىنىشىغا ياردەمدە بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپكە ئېلىشى لازىم. لېكىن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ مەسىلىلەردە پوزىتسىيىسى ئۇلارغا ياردەم بېرىش تەرەپدارى ئەمەس. قارىغاندا ئۇلارنى چەتكە قېقىش پوزىتسىيىسىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ"، دەيدۇ.
ۋەن يەنخەي ئەپەندى يەنە، خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ئەھۋالى ياكى ئۇلارنى چەتكە قېقىش روھى ھالىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ، ئاۋام خەلقتىكى ئۇيغۇرلارغا بىر تەرەپلىمىلىك قارايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى مۇرەككەپ، لېكىن ھۆكۈمەت بۇ تۈردىكى ئەھۋاللارنى كۈچەيتىدىغان پوزىتسىيىدە بولماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
ۋەن يەنخەي " ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ناھايىتى مۇرەككەپ. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر چوڭ شەھەرلەردە كىچىك بالىلارنى ئوغۇرلۇققا سالىدىغان ئەھۋاللار بار. لېكىن جەمئىيەتتىكى بەزى جىنايى ھادىسىلەر ھەرگىز بىر مىللەتنىڭ تەبىئىتىدىكى نەرسە ئەمەس. بەلكى بۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن يەكلىنىشنىڭ مەھسۇلى. بۇ ئەھۋالدا ئاقىلانە بىر ھۆكۈمەت پۇقرالاردىكى بىر تەرەپلىمىلىك قاراشنى ئۇلغايتماسلىقى ياكى بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلارغا ئەگەشمەي ئۇنى تۈگىتىشكە ياردەمدە بولۇشى لازىم. بۇ مىللەتنىڭ ياكى بۇ توپنىڭ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيىتى" دەپ كۆرسەتتى.
ۋەن يەنخەي ئەپەندى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى چۈشەنمەسلىكلەرنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلەرگە تاقىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ئەسلى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنى چەتكە قاقماي، ئۇلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۇنىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن.