«تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئېتىبار بېرىش» نامىدىكى ئۆيلەردە ئېغىر دەرىجىدە سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت

بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن «تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئېتىبار بېرىش» نامىدا ئۈرۈمچى شەھەر سىرتىغا ئۆي سېلىپ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرگەن.

0:00 / 0:00

بۇ ئۆيلەر «بىكارلىق» دېگەن چىرايلىق نام بىلەن پەردازلانغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بېرىشقا قىزىققان. ھالبۇكى، بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىچىك ياكى مۇھىتى ناچار ۋە يىراق رايونلارغا سېلىنغان بولغاچقا، بۇلار ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپلا قالماي، سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىكىگىمۇ كۆپ تەھدىتلەرنى پەيدا قىلغان.

شۇ خىلدىكى ئۆيلەردە بىر يىلدىن كۆپ ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆيلەردە خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئولتۇرۇۋاتقانلار ئاساسەن نامرات بولغاچقا، يەنىلا چىشىنى چىشلەپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ياش شۇ خىلدىكى ئۆيلەردە تۇرۇش جەريانىدا بېشىدىن كەچۈرگەنلەر ئىشلارنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىدىن ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.