بىرلەشمە قىسىم بەش كېچە بومباردىمان قىلغاندىن كېيىنمۇ، كازافىي يەنىلا قوزغىلاڭچىلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقنى توختاتمىدى

كازافىي قىسىملىرى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھۇجۇمىغا قارىماي، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدىكى شەھەرلەرگە قۇرۇقلۇقتىن قىلىۋاتقان ھۇجۇمى يەنىلا توختاتمىدى.

0:00 / 0:00

ب د ت نىڭ قارارى بويىچە، لىۋىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلقنى كازافىينىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن، بىرلەشمە قىسىم كازافىينىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىۋاتقىلى بۈگۈن ئالتە كۈن بولدى. ئامېرىكىنىڭ ئا ب س خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن كېچىدە، فرانسىيىنىڭ «مىراج» بەلگىلىك بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى مىسراتا شەھىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا، كازافىينىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سوقۇپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، كازافىينىڭ دېڭىز بۇيىدىن 250 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بېرىپ بومباردىمان قىلىپ قايتىپ كەلگەن.

س ن ن نىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشمە قىسىم لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى قوغداش ئۈچۈن، كازافىينىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ئۇدا بەش كېچە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنمۇ، كازافىي قىسىملىرى قۇرۇقلۇقتىن، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدىكى شەھەرلەرگە قوزغاۋاتقان ھۇجۇمىنى توختاتمىدى. بۈگۈن بىرلەشمە قىسىم كازافىي قىسىملىرىغا ھاۋادىنلا ئەمەس، دېڭىزدىنمۇ ھۇجۇم قوزغىدى.

ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، كازافىي بۈگۈن، بىرلەشمە قىسىم ھۇجۇم قىلىشقا پىلانلاۋاتقان ترىپولى شەھىرىدىكى بالبال ئەزىزىيا مەھەللىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىسىملىرىنى ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگۈچە جەڭ قىلىشقا چاقىردى. گەرچە تۈنۈگۈن مىسراتادا، قوزغىلاڭچىلارغا تانكا، زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان كازافىي قىسىملىرى كېچىدە توساتتىنلا جىم بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن يەنىلا، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بازىسى بولغان بەنغازى شەھىرى بىلەن جەنۇبتىكى ئەجدابىيا شەھىرىنىڭ سىرتىدا، قوزغىلاڭچىلار بىلەن جىددىي جەڭ قىلىۋاتىدۇ.

قاتار ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلار تەشكىللىگەن دۆلەت كومىتېتى دېگەن تەشكىلات بۈگۈن پارىژدا بايانات ئېلان قىلىپ، ماخمۇت جەبرىلنى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە بەلگىلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ھەر قايسى مىنىستىر ۋە كومىتېتلارنىڭ باشلىقلىرىنى تەيىنلەش ئۈچۈن ھوقۇق بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى تەشكىللىگەن دۆلەت كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى مەنسۇر سايفال ناسىر بۈگۈن پارىژدا، بۇ تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى لىۋىيىدە دىندىن خالىي ھۆكۈمەت قۇرۇش دەپ جاكارلىدى ۋە كازافىي پات يېقىندا گۇمران بولىدۇ، لىۋىيىدە خەلق ئۈچۈن توسالغۇ تۈگەيدۇ دەپ قەيت قىلدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ يەنە بىر ۋەكىلى ئېلى زەيدەن، قوزغىلاڭچىلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، ھازىر قورال كېرەك دەپ جاكارلىدى.

تېلېگراف گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ناتو دۆلەتلىرىدىن ئەنگلىيە، تۈركىيە، ئىسپانىيە، گرىتسىيە، ئىتالىيە، كانادادىن ئىبارەت 6 دۆلەتنىڭ پاراخوتلىرى بۈگۈن، ب د ت نىڭ لىۋىيە توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، ھاۋا مۇداپىئە كۈچىنى ئاساسەن يوقاتقان كازافىينىڭ ئەمدى، دېڭىزدىن قورال يۆتكىشىنى چەكلەش ئۈچۈن دېڭىزلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. رۇمىنىيە 200 ئەسكەر بىلەن بىر مۇداپىئە پاراخوتى چىقىرىپ بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتى. بۇ ھەرىكەتكە گوللاندىيە F-16، گرىتسىيە مىراج، كانادا F-18 بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان چىقاردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھازىر لىۋىيىدە قوللىنىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ناتوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئەمما ھازىر بۇ بىر ۋاقىت مەسىلىسى، بۇ مەسىلىنى ھازىر ناتو مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا، بۇ قوشۇن كۆتۈرگەن بايراقنىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇشى بىر مۇھىم مەسىلە.