گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بېلگىيە ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەتكە قاتناشتى

بېلگىيىدىكى خەلقئارا ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى نامىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

0:00 / 0:00

4‏-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن غەيرەت روزى ۋە بەختىيار ناسىرلار پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

surgindiki-tibet-hokumet-hitay-bolimi-wekilliri-uyghurlar-385.jpg
ئۇيغۇرلار، ئۇنپو ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمەت خىتاي بۆلۈمى ۋەكىللىرى بۇرۇسەلل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا. 2011-يىلى 4-ئىيۇن. بېلگىيە. (RFA)

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە غەيرەت روزى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.