بۇ مۇراسىم 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېلگىيىنىڭ بېرلائار شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە بېلگىيىدىكى 200 دىن ئارتۇق ھەر ساھە ئۇيغۇر جامائىتى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيىدىنمۇ بىر بۆلۈك مېھمانلار قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋە بېلگىيىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە كۆپ خىل تىللاردا تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى تەييارلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆرگەزمە ھەم ئۆتكۈزۈلگەن.
پائالىيەت داۋامىدا، ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇر سازەندىلەر نومۇر كۆرسەتكەن ھەم بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن ئىلگىرى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر مۇكاپاتلانغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىمەروۋ ئابدۇلمۇتەللىپ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.