0:00 / 0:00
بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 50% قازاقىستاندىن، 30% قىرغىزىستاندىن، 20% ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 84 ياشتىكى زېھرا ئىبرايىموۋا بىلەن خەلچەم تېمىروۋانىڭ سەرگۈزەشتىلىرى دىققىتىمىزنى تارتتى.
بۇ ئىككى موماي غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1960 - يىللاردا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئەمدى بولسا ياۋروپادا ياشىماقتا.
ئۇلار بىلگىيىدە بالا - چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ۋەتىنىنى سېغىنماقتا، ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن باش قاتۇرماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.