ئۇيغۇرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بىل دېلىخانت ئەپەندىگە تەشەككۈر بىلدۈردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىرلىكتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بىل دېلىخانت ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 7 ‏- دېكابىر كۈنى، نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ۋاشىنگتوندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ئارىسىدا تونۇلۇشىغا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي كۈن تەرتىپىگە كىرىشىگە ناھايىتى چوڭ ھەسسە قوشقان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بىل دېلىخانت ئەپەندىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات ۋە پائالىيەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەش، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن خىزمىتىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان تەقدىرلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرىشمەن ئەپەندى ۋە مەزكۇر فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوئىسا خانىم قاتناشتى. مۇراسىمدا رابىيە خانىم بىل دېلىخانت ئەپەندىگە، ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە تون كىيدۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئالاھىدە ياسالغان شەرەپ گۇۋاھنامىسى تەقدىم قىلدى.

بىل دېلىخانت ئەپەندى، 1997 ‏- يىلى دېموكرات پارتىيىسىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، دۆلەت مەجلىسىگە كىرگەن ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئارقا ‏- ئارقىدىن 6 قېتىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىقىغا سايلانغان، ئۇ بۇ جەرياندا دۆلەت مەجلىسىدە ناھايىتى مۇھىم كومىتېتلاردا ۋەزىپە ئالغاندىن سىرت بىر قىسىم كومىتېتلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە بىر نەچچە يىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر شۆبە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. مەزكۇر كومىتېت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قىلىدىغان ياردىمى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى كۈچلەندۈرۈش تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

2009 ‏- يىلى، بىل دېلىخانت ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ياۋروپا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، بىل دېلىخانت ئەپەندىنىڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنى تونۇشتۇردى.

ئۆمەر قانات يەنە، بىل دېلىخانت ئەپەندىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى، ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرىغا ۋە ئامېرىكا خەلقىگە تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2009 ‏- يىلى 10 ‏- ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دانا راراباخېر قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 ‏-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن سىرت، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان ۋە بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قانۇن لايىھىسى سۇنغان.

دىلىخانت ئەپەندى ئۆزى ئۈچۈن ھازىرلانغان تەقدىرلەش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، گۈەنتانامودىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 3 دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دېلىخانت ئەپەندى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ گۈەنتانومو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئىزچىل ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېلىخانت ئەپەندى مۇراسىمدا يەنە، " مەن دۆلەت ئەربابى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا ياردەم كۆرسىتىشتە نۇرغۇنلىغان چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان ئىدىم، ئەمدى تېخىمۇ ئوچۇق ‏- ئاشكارا ۋە ئەركىن ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللايمەن " دېگەن.