سابىق ئامېرىكا پرېزېنتى كلىنتوننىڭ شىمالىي كورېيە سەپىرىنىڭ سىرى

سابىق ئامېرىكا پرېزېنتى بىلل كلىنتون ئوتكەن ھەپتە شىمالىي كورېيە رەئىسى كىمجوڭئىن بىلەن كۆرۈشتى.بىلل كلىنتوننىڭ بۇ سەپىرى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

0:00 / 0:00

خەلقئارادىكى ئاخبارات ئورگانلىرى ئارقا- ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، بىلل كلىنتوننىڭ بۇ سەپىرى ئۈستىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ باردى. ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرۈنۈشتە بۇ زىيارەت ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن تۇتۇپ ئېلىنغان ئېيۇنا لى ھەم لاۋرا لىڭ ئىسىملىك 2 مۇخبىرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۇچۇن قىلغان سەپىرىدەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سەپەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى،شىمالىي كورىيىدىكى يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەم ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تاشلانغان يېڭى بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.

بىلل كلىنتون بىلەن كىمجوڭئىننىڭ سۆھبىتى 195 مىنۇت داۋاملاشقان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى مۇخبىرلارغا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى مەسىلىسى ھەققىدە بولغان. ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، "كلىنتون شىمالىي كورېيە تەرەپكە يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىشنى، يادرو قورالىغا ئىگە بولغانلىق شىمالىي كورېيىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرەلمەيدۇ، بۇ پەقەت شىمالىي كورېيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،" دېدى.

جەنۇبىي كورىيىدە چىقىدىغان "كورېيە گېزىتى"دە بىلل كلىنتوننىڭ كىمجوڭئىن بىلەن بولغان 195 مىنۇتلۇق سۆھبىتى ھەققىدە مەخسۇس مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە،" بۇ سۆھبەت، شىمالىي كورېيە تەرەپنىڭ 5 دۆلەت سۆھبىتىدىكى خىتاي تەرەپنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى" دېيىلگەن.

ماقالىدە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۆز بايانىدا، شىمالىي كورېيە ئۆزلۈكسىز ھالدا بېيجىڭ تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كىمجوڭئىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە شىمالىي كورېيىنىڭ يادرو قوراللىرى سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن،دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ پارلامېنت ئەزاسى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىر قېتىملىق شەخسى يىغىلىشىدا، پىكىر بايان قىلىپ، گەرچە كلىنتوننىڭ كىمجوڭئىن بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ تولۇق سىنئالغۇسىنى تېخى كۆرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى كۆرگەن بەزى تەپسىلاتلارغا ئاساسەن، ئەگەر كىمجوڭئىن ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلىسە، ئۇ ھالدا شىمالىي كورېيىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە،كىمجوڭئىن سۆھبەت جەريانىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق قارىشىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئۈمىدى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن.

كىمجوڭئىن سۆزىدە يەنە، شىمالىي كورېيىنىڭ ھازىرقى مۈشكۈل ھالەتكە قېلىشى، بېيجىڭنىڭ "بۈيۈك ئىستراتېگىيىسى" ھەم ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن بولغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.كىم جوڭئىن سۆھبەت جەريانىدا، ئەگەر ئامېرىكا يول قويۇش پوزىتسىيىسىدە بولسا، شىمالىي كورېيىنىڭ ئۆز سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى، شىمالىي كورېيىنىڭ ھازىرقى يادرو قورال ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى بىلەن ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ غەربىي چېگرىسىنى قوغداشقا چامى يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالە ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، كىمجوڭئىن ئۆز مەقسىتىنى ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئىپادىلىگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ كىمجۇڭئىننىڭ ئارزۇسى بويىچىلا ئىش كۆرمەيدىغانلىقى، ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال داۋاملىشىدىغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ يەنىلا مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.