بىڭتۇەن 663 نەپەر ساقچى ۋە گۇندىپاي قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقاردى

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' دا بۈگۈن 4 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى، بىڭتۇەننىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىن 663 نەپەر ساقچى ۋە گۇندىپاي قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئېلانىنى خەۋەر قىلدى.

0:00 / 0:00

خەۋەردە، بۇ، بىڭتۇەننىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر قەدەم باسقانلىقى، دېيىلگەن ۋە بىڭتۇەننىڭ يەرلىك مىللەتلەردىن 63 نەپەر ساقچى ۋە گۇندىپاي ئېلىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن. بۇ ئىش 5 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن 11 ‏- كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

بىڭتۇەن ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەن 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى'دا ئورنى بىكىتىلمىگەن بىر قانۇنسىز تەشكىلات. بۇ قانۇنسىز تەشكىلات بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزىنى يەرلىكتىن ئايرىپ تۇراتتى، ھازىر ئۇلارنىڭ بۇنداق پەرقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىگە يەرلىكتىنمۇ ساقچى، گۇندىپاي قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى‏، بىڭتۇەن تۈرمىلىرىگە قانۇنسىز تاشلانغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ ۋە ھازىر خەلقئارادا تېز ئەۋج ئېلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى بولۇشى مۇمكىن.

ئىلشات ئەپەندى پۈتۈن ئۇيغۇرلاردىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قانداق يېڭى تەدبىر قوللىنىشقا تەييارلانغانلىقىنى ھۇشيارلىق بىلەن كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ يەرلىك مىللەتلەردىنمۇ ساقچى ۋە گۇندىپايلارنى كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە بولغان ئىش، شۇنداقلا بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان تەدبىرى.