ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەن شەھەرلىرى كۆپەيمەكتە

خىتاي كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە يېڭىدىن بىڭتۇەنگە قاراشلىق شەھەرلەرنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۈر ئېلىگە تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش ۋە شۇئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئارزۇ قىلغان "ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش"نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىڭتۇەن ئىقتىساد تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى پەن شىنگاڭ 4 - ئاۋغۇست، خىتايدىكى "شەرق" تور بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىخەنزە، كۈيتون، ۋۇجاچۈ، تۇمشۇق ۋە ئالار شەھەرلىرىدىن باشقا يەنە، ناھىيە دەرىجىلىك 8 شەھەر كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلگىرى خىتاينىڭ بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئېلشات ئەپەندى، يېڭىدىن كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇش قارار قىلىنغان بىڭتۇەن شەھەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن قۇرۇلغان 56 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا، رايوندا بىڭتۇەننى كۈچەيتىش ھەم بىڭتۇەن شەھەرلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى " ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى" گومىنداڭنىڭ ئۇيغۈر ئېلىدە تارمار قىلىنغان ئەسكەرلىرى ۋە 1949 - يىلى رايونغا كىرگەن ۋاڭ جىننىڭ كوممۇنىست ئارمىيىسى ئاساسىدا، 1954 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قۇرۇلغان. بىڭتۈەن، دەسلەپ قۇرۇلغاندا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان 13 دېۋىزىيە ۋە بىر قۇرۇلۇش ئەترىتى بولۇپ جەمئىي 14 دېۋىزىيە، 43 دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تەركىب تاپقان. 2008 - يىلغا كەلگەندە ھەرقايسى دېۋىزىيىلەر تارمىقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى 174 كە، سانائەت ۋە باشقا مەمۇرى ئورگانلار 4391 گە يەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا،" بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چۆللۈكلەردە يېشىل بوستانلىقلارنى بەرپا قىلدى" دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا، بىڭتۇەننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بوستانلىقلىرى، ھەم دەريا ئېقىنلارنىڭ باش مەنبەلىرىدىكى مۇنبەت زېمىنلارنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ھەم يەر ئۈستى بايلىقلىرى جايلاشقان مۇنبەت زېمىنلارنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ئېلان قىلغان بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا، بىڭتۇەننىڭ 1954 - يىلىدىكى نوپۇسى 175 مىڭ بولۇپ، 2008 - يىلغا كەلگەندە بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى 2 مىليون 580 مىڭغا يەتكەن دېيىلگەن.

ئەمما ئېلشات ئەپەندى بىڭتۇەن قۇرۇلغان بۇ 56 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەننىڭ ئىگىلىگەن زېمىنى ھەم ئېشىپ بارغانلىقىنى، نوپۇسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، سۆزىدە بىڭتۇەننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن ئۈچۈن بۇ قەدەر كۆپ مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېرىم ھەربىي، يېرىم مەمۇرىي ھالەتتىكى بىڭتۇەن ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىنى باستۇرۇشتىكى ئاساسلىق قوراللىق كۈچى بولۇپ، بىڭتۇەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېرىشمەكچى بولغان "ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك"نى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى ئاساسلىق تايانچ كۈچ ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.