بىڭتۇەن خەۋەرلەر تورىدا يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان سىياسىي خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە بۇ يىل - 30 ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، بىڭتۇەن پارتكوم سېكرېتارى ھەم سىياسىي كومىسسارلىرى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى سىياسىي بيۇروسى مۇئاۋىن باش سېكرېتارى باۋ شاۋكۈننى كۈتۈۋالدى. ئۇ بىڭتۇەننىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتا قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيىلىدى. شۇنداقلا بۇ خىل رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بىڭتۇەن پارتكوم سېكرېتارى چې جۈن بولسا " مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە.ھازىرقى شارائىتتا ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ، يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئىسىتراتېگىيىلىك ئورۇن، شۇڭا بىڭتۇەندىكى ھەر قايسى چوڭ - كىچىك كادىرلار كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ھازىرقىدەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، بىڭتۇەننىڭ ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىپ ئۆز مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن سىرت، يەرلىكنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا مەركىزى ھۆكۈمەت پارتىيە رەھبەرلىكى تاپشۇرغان ھەر قانداق ۋەزىپىلەرنى مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئورۇنلىشىمىز كېرەك" دېدى.
6 - ئىيۇل كۈنى چې جۈن بىڭتۇەن كادىرلىرىغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى يەنىمۇ قاتتىق تەلەپپۇزدا تەكىتلىدى: ۋە قوشۇمچە " ھازىر بىڭتۇەن چوڭ ئېچىش، چوڭ قۇرۇش، زور تەرەققىي قىلىشتەك بىر تارىخىي پەيتتە، ئەمما بۇ ئۈچ چوڭ ئىشنىڭ كاپالىتى مۇقىملىقنى ساقلاش " دېدى.
12 - ئىيۇل كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىڭتۇەنگە مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ بىڭتۇەننى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشتى دەپ 3مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىڭتۇەنىدە يېقىندىن بۇيان بولۇۋاتقان نۇرغۇن يىغىن ھەم كومپارتىيە كادىرلىرى ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن باشقا، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كۆپ تەكىتلەنمەكتە.
بىڭتۇەندىكى بۇ خىل بايانلار بەزى كۆزەتكۈچىلەردە قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، ئىلگىرى بىڭتۇەندە مەلۇم مەزگىل خىزمەت قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئېلشات ئەپەندى بىڭتۇەن ۋەزىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.
ۋاشىنگىتوندىكى لاۋگەي فوندىنىڭ رەئىسى خەري ۋۇ ئەپەندى بولسا " بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇر ئېلىگە ھەم خەلقىگە تەھدىت بولۇپلا قالماي، ئەگەر ئىچكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىسا، خىتاي ئۆزىگىمۇ زور تەھدىت يارىتالايدىغان تەسىر كۈچىگە ئىگە، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. قارىماققا بىڭتۇەن بىر ئىقتىسادى گەۋدىدەك، ئەمەلىيەتتە ئۇلار كوممۇنىستىك پارتىيە قاچان بۇيرۇق بەرسە، دەرھال ئۇرۇشقا چىقالايدىغان مۇنتىزىم ھەربىي كۈچ "دەيدۇ.
بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزى مۇقىمسىزلىقنىڭ يىلتىزى،ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسى ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بويسۇنمايدىغان، پۈتۈنلەي ھەربىي تۈزۈم فونكىسىيىسى بويىچە تەشكىللەنگەن، ئۇيغۇر ئېلىنى قورشاپ يەرلەشكەن بىڭتۇەندىن ئىبارەت بۇ ئورۇن يوقالماي تۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق بولمايدۇ " دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىڭتۇەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، " ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇش" نامىدا بىڭتۇەن مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە ھەرىكىتى 2012 - يىلى 10 - ئايغا قەدەر ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئىيۇلدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقىنى بولسا، ئۇشبۇ تېما ئاستىدا ئۇزۇن مۇددەت ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي ئىدىيىۋى ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى بۆلۈكى ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.