كۆزەتكۈچىلەر: بىڭتۇەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت

ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشتۇرۇلغان بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇنبەت جايلىرىنى ئىگىلەپ، بارا-بارا كېڭىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان كۆزەتكۈچىلەر بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنى بىڭتۇەن 1954-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، نۆۋەتتە ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليونغا يېقىنلاشقان چوڭ گەۋدىگە ئايلانغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىڭتۇەننىڭ ھازىرقى نوپۇسى 2 مىليون 542 مىڭ بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس جەھەتتە تاشقى موڭغۇل، كۇۋەيت ۋە يامايكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېتىشىپ قالغان بولسا، لاتۋىيە، قاتار، بەھرەيىن ۋە نامىبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتكەن.

نۆۋەتتە دۇنيادا 224 مۇستەقىل دۆلەت بار بولۇپ، ئەگەر بىڭتۇەن مۇستەقىل دۆلەت دەپ قارىلىپ، نوپۇس كۆپلۈكى بويىچە رەتكە تىزىلسا دۇنيادا 141-چوڭ دۆلەت قاتارىغا تىزىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خەرىي ۋۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىڭتۇەن مەسىلىسىگە تازا دىققەت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مەسىلىنىڭ بىرىنچى بىڭتۇەن. ئىككىنچىسى يادرو سىناقلىرى. سىلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلمايۋاتىسىلەر. بۇ بەك ئېغىر ۋە جىددىي مەسىلە. بىڭتۇەندە بەلكىم ئىككى مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بولۇشى مۇمكىن. خىتاي بىڭتۇەندىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى كونترول قىلماقچى.

ئىلگىرى بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەرىي ۋۇ ئەپەندىمۇ بىڭتۇەننىڭ ئورنى جەھەتتە ئېلشات ئەپەندىگە ئوخشاش نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەرىي ۋۇ: بىڭتۇەن ئۈرۈمچى ۋە باشقا مۇھىم شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلەپ بولدى. سىلەر ئۇيغۇرلار پەقەت جەنۇبقىلا قاپسىلىپ قالدىڭلار. سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكىڭلارمۇ كۈچلۈك ئەمەس، ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق. ئەگەر بىڭتۇەن ئېلىپ چىقىپ كېتىلسە، سىلەر مۇستەقىللىق ھەققىدە گەپ ئاچالايسىلەر ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىسىلەر دېيەلمەيمەن.

ئۇنداقتا ئەھۋال شۇنداق ئىكەن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە مەيلى خەرىي ۋۇ ۋە مەيلى ئېلشات ھەسەنلەر بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارىشى كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خەرىي ۋۇ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن كوممۇنىستلارنى مەغلۇپ قىلىش كېرەك. ئۇيغۇرلار چوقۇم بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم، بۇ مېنىڭ خەلقىم بۇ مېنىڭ دىنىم دەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ھەتتا باشقا خەنزۇلار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشىش كېرەك.

بۇ ھەقتە ئېلشات ھەسەننىڭ پىكرىمۇ خەرىي ۋۇ بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئېلشات ھەسەن مەيلى قانۇنىي يول بولسۇن ۋە مەيلى باشقا ۋاسىتىلەر بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارىشى چوقۇم ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

بىڭتۇەن قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە 6 شەھەر قۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى 2002-يىلى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە قۇرۇلغان ئارال ۋە تۇمشۇق شەھەرلىرىدۇر.
خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس زىچلىقى ھەر 13 كۋادرات كىلومېتىر بىر دىن توغرا كەلسە، ئۇيۇر ئېلىگە جايلاشقان بىڭتۇەندە نوپۇس ھەر 34 كۋادرات كىلومېتىرغا بىر دىن توغرا كېلىدىكەن.

ئىلگىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر بىڭتۇەننى «ئىمپېرىيە ئىچىدىكى مۇستەقىل ئىمپېرىيە» دەپ سۈرەتلىگەن ئىدى.