مەجىت ئەل شافى: خىتاي كۈرەشچىلىرىمىزنى ئۆلتۈرەلىگەن بىلەن، كۈرەشلىرىمىزنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ دېدى

مەجىت ئەل شافىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدىغان نۇتقى تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل كۈنى تورونتودىكى بىر چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاش يىغىلىشىدا سۆز قىلغان «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجىت ئەل شافى ئۇيغۇر داۋاسىغا ۋە تورونتودىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى قىيىن-قىستاقلىرى ئارقىلىق جىسمىمىزنى ئاغرىتالىغان بىلەن روھىمىزنى خورىتالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى كۈرەشچىلىرىمىزنى ئۆلتۈرەلىگەن بىلەن، كۈرەشلىرىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىلھام ئۈمىد بېغىشلايدىغان بۇ نۇتقى تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا: «ئەگەر خىتايلار سىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس دېسە، سىلەر ئۇلارغا ئاخىرقى پەللىدە كۆرۈشەيلى دەپ جاۋاب بېرىڭلار، دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق» دېدى.

«بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجىد ئەل شافىنىڭ شۇ كۈنكى نۇتقىدىن مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ زۇلۇم قىلغۇچىلارنى يېڭىشتا پەقەت ئىككىلا يولىمىز بار، 1-سى بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىش. بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىشىنى كۆزدە تۇتقىنىم يوق، مەن مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار ۋە خرىستىيانلار شۇنداقلا تىبەت، فالۇڭگوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىشىنىشىنى نەزەردە تۇتۇۋاتىمەن. بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى بۇ دۇنيا باراۋەر بولمىغان ھەقسىز بىر دۇنيا. بۇ باراۋەرسىزلىك ۋە ھەقسىزلىقكلەر زالىملارنىڭ زۇلۇمدىن ئەمەس بەلكى ياخشىلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئەگەر قاراڭغۇلۇق ئۇزۇن داۋاملاشقان بولسا، بۇ يورۇقلۇققا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ بولمىغانلىقىدىن ۋە ياكى بىر يورۇتقۇچىنىڭ بولمىغانلىقىدىن بولغان.»

مەجىت ئەل شافى سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۆزىنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ:«بىر كۈنى مەن مەلۇم بىر مۇراسىمدا بىر خىتاي دىپلۇمات ۋە بىر خىتاي ژۇرنالست بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. مەن ئۇلاردىن، كېلەچەك بىر كۈنى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بېرەرسىلەرمۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار، بۇ مۇمكىن ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇلارغا، ئۇنداقتا ئاخىرقى پەللىدە كۆرۈشەيلى، دەپ جاۋاب بەردىم. چۈنكى دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق.

مەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە بىلەن بۇ ئۇچرىششنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ئۇچراشقان ۋاقتىمدا، ئۇ ماڭا 5-فېۋرالنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسىبەت كۈنى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە ئۇسسۇلچى تەكلىپ قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن قاتتىق رەنجىيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن سىلەرنى شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، ئەگەر بىز ئۇسۇللىرىمىزنى توختاتساق، ئەگەر بىز تەبرىكلەشلىرىمىزنى توختاتساق، ئەگەر بىز سۆيۈنۈشلىرىمىزنى توختاتساق، بۇ خىتاينىڭ غەلىبىسى دېمەكتۇر. بىز ئۆز-ئارا تەبەسسۇم بىلەن 5-ئىيۇل قۇربانلىرىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى قىيىن-قىستاقلىرى ئارقىلىق جىسمىمىزنى ئاغرىتالىغان بىلەن، روھىمىزنى خورىتالمايدۇ. قورقماسلىق جاسارەت ئەمەس، بەلكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنى يېڭىپ داۋاملىق ئالغا باسماق مانا بۇ جاسارەتتۇر.»

مەجىت ئەل شافى يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يېنىدا بولغانلىقىدىن غۇرۇر ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەجىت ئەل شافىنىڭ شۇ كۈنكى نۇتقىنىڭ ئىچىدە ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان 2-داۋا يولىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«بىز بەندىلەر ئاللانىڭ قۇللىرىبىز. ئاللاھتىن ئايرىلغان بىر داۋانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر ئاللاھتىن ئايرىلغان ھالدا دەۋا قىلىمەن دېگۈچىلەر بولسا ئۇلارغا دەيدىغىنىمىز، ساڭا ئامەت تىلەيمەن. يېڭىلىپ قېلىش بىزنىڭ تاللىشىمىز ئەمەس، ۋاز كېچىش بىزنىڭ لۇغىتىمىزدە يوق. مەن سىلەرگە بۇ يەردە چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، كۈچلۈك دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەقىدىسى بولغان ئادەملا خەتەر ۋە توساقلاردىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئىشەنچ بىلەن ماڭالايدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ھەر قانداق ۋاقىتتا سەۋىر-تاقەت بىلەن كۈلۈپ تۇرالايدۇ. بىز ھەرقانداق قاراڭغۇلۇقتىمۇ ئۈمىد شاملىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭغۇچىلار، دۈشمىنىمىزنىڭ قۇدرەتلىك يادرو قوراللىرى، غايەت زور ھەربىي كۈچى بولسا، بىزنىڭ ئۇلۇغ، ھەممىگە قادىر ئاللاھىمىز بار، خىتايغا ئوخشاش زومىگەر كۈچلەر، كۈرەشچىلىرىمىزنى ئۆلتۈرەلىشى مۇمكىن، ئەمما كۈرەشلىرىمىزنى ھەرگىز توسۇپ قالالمايدۇ.»

كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجىت ئەل شافىنىڭ شۇ كۈنكى نۇتقى تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، كانادادىكى كەڭ ئاممىۋىيلىققا بەلگىلىك نوپۇسقا ۋە سىياسىۋىيلىككە ئىگە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر داۋاسىنىمۇ خۇددى تىبەت ۋە فالۇڭگوڭ داۋاسىغا ئوخشاش ئۆز قوينىغا ئالدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: كانادادىكى ئۇيغۇر داۋاسىنى كانادا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك دەپ قاراپ كەلمەكتە ئىدى. «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كانادادىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كېلەچىكىگە يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلمەكتە.