گىرمانىيىدىكى بىر تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى تەسىراتلىرى

گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۈركلەردىن گېرمانىيە فرانكفۇرت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى زەكى شاھىنگۆز ئىككى يىل ئاۋال مەلۇم سەۋەب بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە يېرىگە دېگىدەك بېرىپ ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.06.05
ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻟﻰ ﺧﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻟﻰ ﺧﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ
AFP Photo

ئۇنداقتا بۇ ياش ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندىن كېيىن نېمىلەرنى كۆردى، نېمىلەرنى ھېس قىلدى؟ ئەگەر سىز زەكى شاھىنگۆزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىگە قىزىقسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىز.

زەكى شاھىنگۆز ئەپەندى، سىز قاچان ۋە نېمىشقا ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان ئىدىڭىز؟

مەن بۇندىن 2 يىل ئاۋال شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ئىدىم. چۈنكى كاللامدا سوئاللار بار ئىدى. بىز بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۇ يەردە بېسىم بارلىقىنى، ئىشسىزلىقنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئىرقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەمما خىتايلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قارىسىڭىز بۇنىڭ تامامەن تەتۈرىنى كۆرىسىز. ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدا ئىقتىسادنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ باي - باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككى يىل بۇرۇن ھەم ئۇيەردىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ھەم تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى كۆرۈپ كېلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ئىدىم.

بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ توغرا دېگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە نىسبەتەن ئېغىر بېسىم سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئىرقچىلىق ئەمەس، ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ ياشاۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئىككىنچى سىنىپ ئىنسان مۇئامىلىسى كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئېچىندىم.

بىر كۈنى مۇنداق بىر ئىش بولدى. مېھمانخانىدا ئىدىم، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغىنىمدا ئالدى تەرەپتىكى كىچىك بازاردا بىر نەرسە سېتىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن، بىر تەنزىكەشلىك قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر ئىككى خىتاي بىلەن سوقۇشۇپ قالدى. ئۇ ئىككى خىتاي بۇ ئۇيغۇرنى ئۇرۇپلا كەتتى، كېيىن يەنە 3 خىتاي ئۇلارغا قوشۇلۇپ يالغۇز ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ كەتتى. ھەتتا ھارۋىلىرىنى ئۆرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيغۇرمۇ كېيىن ئامالسىز ئۇلارغا قول ياندۇردى.

دەل شۇ پەيتتە بىر ساقچى مىنىبۇسى كېلىپ ئىچىدىن ساقچىلار چۈشۈپ ئۇ ئۇيغۇرنى قوشۇلۇپ ئۇرۇشقا باشلىدى، ھەتتا ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا ئۇردى. كېيىن ئۇنى سۆرىگەن پېتى ھېچقانداق سوئال - سوراقسىزلا ئاپتوموبىلغا سېلىپ ئەكەتتى. بۇنىڭغا قاراپ ھەيران قالدىم. باشتا قول سالغانلار خىتاي تۇرسا، نېمىشقا ئۇ ئۇيغۇرنى تۇتۇپ ئەكىتىدۇ. نېمە دەپ ئەھۋالنى ئېنىقلىمايدۇ؟ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بەك ئېچىندىم.

سىز ئۇيغۇر دىيارىدا قەيەرلەرگە باردىڭىز ؟

ھەممە يەرگە دېگۈدەك باردىم. غۇلجا، ئاقسۇ، مارالبېشى، قەشقەر، ئاتۇش، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن، كېرىيە قاتارلىق يەنى ھەممە يەرگە دېگۈدەك باردىم. بىز تۈركىستان جۇغراپىيىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. تۈركىستان دېسە ھەممىسىنى ئوخشاشتەك ھېس قىلىمىز. ئەمما ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۇقتۇم. مېنىڭ ئائىلەم تۈركىيىنىڭ يوزگات ۋىلايىتىدىن كەلگەن.

مەن خوتەنگە بارغاندا ئۆزۈمنى بەئەينى شۇ يوزگاتتىكىدەك ھېس قىلدىم. بارغىچە ئاپتوبۇستا ئۇخلىغان ئىدىم، بىر ۋاقىتتا كۆزۈمنى ئېچىپ، مەن بىر ئۇخلاپلا يوزگاتقا كەپ قالدىممۇ ‏ - قانداق دەپ قالدىم. ئۆيلەرنىڭ سېلىنىشلىرى ئوخشاش، دەل - دەرەخلەر، ھويلا - ئاراملار ئوخشاش، ئۇ يەردىكى ئادەملەرمۇ ئەينى يوزگاتلىققا ئوپمۇ - ئوخشاش ئىدى. ئۇلارنىڭ مېڭىش شەكىللىرى، يۈز ئىپادىلىرى ھەممىسى تۈركىيىدىكى كىشىلەر بىلەن ئوپمۇ - ئوخشاش ئىكەن.

ئەلۋەتتە ئۇ كىشىلەرنىڭ چىرايى تۈركىيىدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا بەكرەك غەمكىن چىراي ئىدى. ھەتتا بەزى دېھقانلارنىڭ ئۇچىلىرىدىكى كىيىملىرى، ئاياغلىرى يىرتىق. مەن ئۇ يەرگە بارغاندا قىش ۋاقتى ئىدى. ئەمما شۇنداق بىر سوغۇق ۋاقىتتا ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇچىسىغا كىيىدىغان تۈزۈكرەك بىر چاپىنى يوق ئىكەن.

ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئىنتايىن ئىلغار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. يەنى قانداق دېسەم، ئارىلاش ھېس - تۇيغۇلار ئىچىدە بولدۇم. بىر ياندىن شۇنداق ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەرنى كۆرگەن بولساممۇ، يەنە بىر ياندىن گۈزەل نەرسىلەرنىمۇ كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ ساپلىقى، ئاقكۆڭۈللىكى، شۇنچىلىك بېسىم ۋە يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ يەنە، ئۇلارنىڭ گۈزەل مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى. مەسىلەن، ئۇ يەردە مېنىڭ تۈركىيىدىن كەلگەنلىكىمنى بىلگەنلەر مېنى قۇچاقلىشىپ كەتتى. ھەتتا بىر - بىرىمىزگە ئېسىلىپ يىغلاپ كەتكەن يەرلىرىمىز بولدى. خۇددى نۇرغۇن يىللار ئاۋال بىر - بىرىنى يوقىتىپ قويغان قېرىنداش تۇغقانلار بىر - بىرىنى تېپىۋالغاندەك ھېسسىياتتا بولدۇق. بۇلار ماڭا ئاجايىپ تەسىر قىلدى.

سىز ئۇ يەردە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى يېدىڭىزمۇ، ياخشى كۆردىڭىزمۇ؟

بەك، بەك، بەك ياخشى كۆردۈم. گېرمانىيىگە قايىتقاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى شۇنداق سېغىندىم. ھەتتا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۈرك تاماقلىرى ئاغزىمغا تېتىماي قالدى دېسەممۇ بولىدۇ، قايتا كۆنۈشكە بىر ئاي كەتتى.

ئۇيغۇر تاماقلىرى ئاجايىپ لەززەتلىك ئىكەن. ئىسمىنى دېسەم لەغمەن، پولو، كاۋاپ، چۆچۈرە، ئۆپكە - ھېسىپ يېدىم، نارىن، سامسا يېدىم. يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتە ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن بەك ئىلغار ئىكەن. مېنىڭ دىققىتىمنى تاتقان يەنە بىر نەرسە، ئۇ يەردە خىتاي ئاشخانىلىرىغا ھېچكىم كىرمەيدىكەن، خىتايلار ئۆزلىرىمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا تاماق يەيدىكەن. ئەمما گېرمانىيىدە بەزى كىشىلەر تېخى خىتاي ئاشخانىلىرىغا كىرىپ تاماق يەپ كېتىدۇ. بۇ ماڭا بەك غەلىتە بىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىدا باشقا يەنە قايسى يەرلەرگە باردىڭىز؟

مەن ئۇيەردە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاڭلىدىم. مۇقام ۋە ئاماننىساخان ھەققىدە ماتېرىياللارنى ئوقىدىم. ئاماننىساخاننىڭ قەبرىسىگە باردىم. روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقىدىم.

ئۇ يەردە بىر ئۇيغۇر بالا بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. چۈنكى ئۇ يەردە كىشىلەر پاراڭلىشىپ ئىچ سىرىنى تۆكۈشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن. جىق كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەلمىدىم. ئۇ بالا ماڭا":بۇرۇن بىزنىڭ مەھەللىدە 300 - 400 ئەتراپىدا ياش بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ نەۋرە ئاكا - ئۇكىلىرىم، جىيەن تۇغقانلىرىم، دوست - يار، بۇرادەرلىرىم، تونۇش - بىلىشلەرنىڭ بالىلىرى بار ئىدى. ئەمما 10 - 15 يىل ئىچىدە بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاران 5 ىلا قالدى، قالغانلار يا تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى، يا تۈرمىگە سولىنىپ ئۇ يەردىن چىقالمىدى، بەزىلىرى باشقا يەرلەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى،" دېدى.

بۇ رەسمىي ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىق. مەنمۇ ئۇ يەردە كۆردۈم. ئۇ يەردە خىتايلارنىڭ تۇرمۇشى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن ياخشىكەن. ئىچكىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭى كەلگەن خىتايلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىقلاردىن، پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ شۇنداق تېز بېيىپ كېتىدىكەن. خىتايلارغا قارىسىڭىز، ئېسىل ئاپتوموبىلدىن چۈشمەيدىكەن. بىر - بىرىدىن ئېسىل ئاپتوموبىللارنى ھەيدەيدىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارىسىڭىز، بەزىلىرىنىڭ بىر ۋاق يەيدىغان تامىقى يوق، بەزىلىرىنىڭ سوغۇق قىشتا كىيىدىغان پۈتۈن بىر چاپىنى يوق. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ھاياتى ئاسمان - زېمىن پەرق قىلىدىكەن.

مەن يەنە مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ مازارلىرىغا بېرىپ تاۋاپ قىلدىم. پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ قەبرىسىگە باردىم. پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغان مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر كىشىنىڭ قەبرىسى ئورۇنلاشقان ئۇلۇغ بىر يەرنىڭ بۈگۈنكى ھالىدىن بەكمۇ ئۆكۈندۈم.

سىز ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممە يەرگە دېگىدەك بېرىپسىز، ئۇ جەرياندا تەقىپكە ئېلىندىڭىزمۇ، ئۇ يەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلالىدىڭىزمۇ؟

تەقىپ قىلىندىم. بىر قانچە كىشىنى ئارقامغا سەپ قويدى. كۆرۈنۈشتە ماڭا ياردەم قىلىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ خىتايغا خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. نەچچە قېتىم مېھمانخانا ئالماشتۇردۇم.

بىر قېتىم خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى مېنى ئىزدەپ كېلىپ پاراڭلىشايلى، دېدى. كۆرۈشكىنىمدە مېنىڭ بۇ يەردە نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇلارغا": باشقا نىيىتىم يوق، پەقەت بۇ يەرلەردە تىجارەت قىلىش نىيىتىم بار دەپ تۇرۇۋالدىم. ئۇ، بىر كۈن بويىچە بىزنىڭ مېھمىنىمىز بول، دەپ تۇرۇپلاۋالدى. ئۇنىمىسام دىققەت تارتىپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن، شۇڭا ئامال يوق بىر كۈن ئۇنىڭ بىلەن ئايلىنىپ يۈردۈم.

ئۇ يەردە چېگرىدىن چىقىدىغان كۈنۈم خىتايلارنىڭ بىر بايرام كۈنىكەن، ئادەم ئىنتايىن جىق بولغانلىقتىن چېگرىدا مېنى ئەپ قېلىپ سوراق قىلىدىغان پۇرسىتى بولماي قالدى بولغاي، ئامان - ئېسەن چىقىۋالدىم.

ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندىن كېيىن قانداق ئويغا كەلدىڭىز، ياخشى بېرىپتىمەن دېدىڭىزمۇ؟

ئەلۋەتتە. شەرقىي تۈركىستانغا ھەرنېمە بولسا بېرىپتىمەن. ھەم ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ھەم بۇنىڭ يېنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىكلىرىنى، ئىنسانپەرۋەرلىكىنى، ئاقكۆڭۈللىكىنى كۆردۈم. شۇنچىلىك بېسىملارغا بويۇن ئەگمىگەنلىكىنى، ئەسلا تەسلىم بولمىغانلىقىنى كۆردۈم. بۇلار مېنى تەسىرلەندۈردى.

بىر جۈمە كۈنى جامىغا نامازغا كىرگەن ئىدىم. ئۇ يەردە ئاڭلىغان دۇئالارنى مەن ھېچبىر يەردە ئاڭلىمىدىم. شۇنچىلىك سەمىمىي ۋە شۇنچىلىك ئىچتىن چىقىۋاتقان ئىدى. ئىنسانلار ئاللاھغا يالۋۇرۇۋاتاتتى، ئاللاھتىن مەدەت تىلەۋاتاتتى. بۇ مەنزىرە مېنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى. شۇنچە بېسىم ئاسىتىدىمۇ يەنىلا مەدەنىيەت ئىگىلىرى ئۇيغۇرلار ئىكەن. دۇنيانىڭ مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەتنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىگە كۆز يۇمۇشى بىر ئىنسانلىق جىنايىتى قىلغانلىقتۇر. دۇنيا مۇشۇنداق ئېسىل بىر مەدەنىيەتنىڭ يوقاپ كېتىشىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. بۇ مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ھازىر ھەر تۈرلۈك قېيىن - قىستاقلارغا ئېلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىز ‏ - ئاياللىرى خىتايغا يۆتكىلىۋاتىدۇ، بالىلىرى قولغا ئېلىنىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىلا ئەمەسكەن، ئاددىي خىتاي پۇقرالىرىمۇ بېسىم قىلىدىكەن. خىتاي بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ دىلى بىركەن. بۇلارغا دۇنيا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك، ئۇيغۇرلار دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقان بىر خەلق. بۇ زۇلۇمنى كۆرمەسكە سالغانلارمۇ شۇ جىنايەتنى ئىشلىگەنلەر بىلەن ئوخشاش.

مەن بىر تۈرك ۋە بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن قولۇمدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىمەن. بۇنى مەن ئۆزەمنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ۋە ئۆزەمنىڭ ۋىجدانىم ئالدىدىكى بىر بۇرچۇم دەپ قارايمەن. ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر كۈن چوقۇم مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ يوق بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر تۈرك ياشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. ئەلۋەتتە سىلەرگە تەرجىمە سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئىچ - ئىچىگە پاتمىغان ھالدا ئىنتايىن سەمىمىيلىك ۋە ھاياجان ئىچىدە ئاڭلاتقانلىرىنى ئۆز ئاۋازى بىلەن تولۇق ئاڭلاش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۈرەك سادالىرىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىن، ئاتا تۇپرىقىدىدىن ھېس قىلغانلىرىنىڭ ئاڭلىتىشقا قۇربى يەتكەندىن نەچچە ھەسسە چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش قېيىن ئەمەس ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.