شېنجېندا بىر ئۇيغۇر رېستۇران كۈتكۈچىسى خىتاي خېرىدارلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن

"5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگىنىگە يېرىم يىل بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئۆچمەنلىك ۋە مۇناسۋەتتىكى جىددىچىلىك يەنىلا پەسىيىدىغاندەك ئەمەس. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى بىر رېستۇراندا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچى بىلەن خىتاي خېرىدارلار ئارىسىدا تالاش تارتىش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر كۈتكۈچى ئۆلتۈرۈلگەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر كۈتكۈچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى شېنجېن شەھىرىنىڭ فۇتيەن رايونىدىكى بىر مۇسۇلمانلار رېستۇرانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە چارشەنبە كۈنى كەچ سائەتلەردە كېلىپ چىققان.

"خەلق گېزىتى"نىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋىرىدە، ساقچىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بولغان بىر رېستۇران خىزمەتچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بار، دەپ قارالغان 7 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋەقە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 9:20 دە يۈز بەرگەن بولۇپ، "خەلق گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە، 7 كىشىنىڭ رېستۇرانغا كىرىپ ئوزۇقلانغانلىقىنى، بۇ جەرياندا بۇ كىشىلەر بىلەن رېستۇراننىڭ تۇرسۇن ئىسىملىك كۈتكۈچىسى ئارىسىدا "ئەرزىمەس ئىشلار" ئۈچۈن تالاش - تارتىش يۈز بەرگەنلىكى، تالاش - تارتىش جىدەلگە ئايلىنىپ، كۈتكۈچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن رېستۇران كۈتكۈچىسىنىڭ ئىسمى تۇرسۇن بولۇپ، "خەلق گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە، 7 كىشىلىك خېرىدارنىڭ ئىچىدىكى دوڭ فاملىلىك بىرسىنىڭ تۇرسۇننى پىچاق بىلەن ئېغىر يارىلاندۇرغانلىقىنى، تۇرسۇننىڭ ئەتراپتىكى فۇتيەن خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىز فۇتيەن خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى خادىملار بىزگە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ بىر كەچلىك دىجورنى خادىمى، "ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز، سىزگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن دوستىڭىز ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىدىمۇ ؟ بىزنىڭ خىزمەت نۆۋىتىمىز ئالمىشىپ كەتتى. بىز زادى سىز دېگەن بۇ بىمارنىڭ بار - يوقلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگىنىڭىز بىلەن ئۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ چىقىپ كەتكەن بولسا بىزدە تىزىملىكى قالمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تىزىملىكى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ دوختۇرنىڭ تىزىملىكىدە بولۇشى مۇمكىن. دوختۇر تىزىملىكنى تاتمىسىغا سېلىۋالغان بولسا بىز كۆرەلمەيمىز. سىزنىڭ كومپيۇتېردىن ئىزدەپ بېقىش تەكلىپىڭىزگە كەلسەك، بىزنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى كېسەللەرنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزمەيدۇ. راست گەپنى قىلسام مەن بۇ ئىشنى بىلمەيمەن. سىز بۇ ئىشنى سىزگە ئېيتقان كىشىدىن سوراپ كۆرۈڭ. بىز ئۇنى بۇ يەردىن تاپالمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن مەن ئىشلىمىگەن، بىزنىڭ بۇ يەردە كېسەللىك خاتىرىسى تۇتمايمىز،" دەپ جاۋاب بەردى.

"خەلق گېزىتى"نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ۋەقەگە "ئەرزىمەس ئىشلار" نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئادەم ئۆلۈشكە سەۋەب بولغان بۇ "ئەرزىمەس ئىشلار"نىڭ زادى نېمە ئىشلار ئىكەنلىكى، قاتىللارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىكى قەستىنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىگەن.

خوڭكوڭدىكى "ئەينەك" گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، تۇرسۇننى ئۆلتۈرگەن دوڭ فامىلىلىك خىتاي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقىنى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ 37 ياش، ئەڭ كىچىكىنىڭ 21 ياش ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ خۇنەن، بىرىنىڭ گۇيجۇ، ئىككىسىنىڭ خۇبېي، ئۈچىنىڭ سىچۈئەنلىك ئىكەنلىكى، بۇ 7 كىشىنىڭ شېنجېندىكى مەلۇم بىر ماددى ئەشيالار شىركىتىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"ئەينەك"گېزىتىدىكى خەۋەردە خىتايلارنىڭ رېستۇراندىكىلەردىن چاقماق سورىغانلىقى، رېستۇراندىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىدە چاقماق يوقلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تەرەپلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ، تالاش تارتىشنىڭ جېدەلگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق گېزىتى، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ياكى ئەينەك گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىدە جېدەلنى كىمنىڭ باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

شېنجېننىڭ فۇتيەن رايونىدىكى ج خ شۆبە ئىدارىسى جىددى ئەھۋاللار مەركىزىنىڭ بىر كەچلىك دىجورنى خادىمى، فۈتيەن رايونىدىكى بىر مۇسۇلمانلار رېستۇرانىدا بىر ئۇيغۇر كۈتكۈچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلى جەريانى ۋە قاتىللارنىڭ ۋەقە سادىر قىلىشتىكى قەستىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە دائىر سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، "بۇ جاۋاب بېرىش قولايسىز سۇئاللار" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ دىجورنى خادىم مۇنداق دەيدۇ: "سىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن سوراڭ، بىز بۇ دېلونى تەكشۈرىۋاتىمىز. ئۇنىڭ بۇ يەردە نۇرغۇن ئۇرۇغ - تۇغقىنى بار، بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشىمىز بار. ئۇنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا كەلسەك ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۇرۇغ - تۇغقىنى بار، بىز ئامالنىڭ بارىچە بىر تەرەپ قىلىمىز. گۇماندارلار قولغا ئېلىندى. بۇنىڭغا سىز باش قاتۇرماڭ، بىز ساقچىلار ئۇنىڭ ئۇرۇغ- تۇغقانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز. بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى سەۋەبىگە كەلسەك، بۇنى سىزگە ئاشكارىلاش قولايسىز. لېكىن بۇنىڭ ئالاھىدە بىر سەۋەبى يوق، ئۇنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقۇنى بار. مەسىلە بولسا شۇلارغا ئۇقتۇرىمىز. گۇماندارلارنىڭ مىللىتىنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز. بىز بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز. بۇ ئىشنىڭ مىللى ئۆچمەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى مۇناسىۋەتسىزلىك مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقىنىدىن سوراڭ .... بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇقلار. سىز سورىغان بۇ مەسىلە جاۋاب بېرىش قولايسىز سۇئاللار."

بۇ ۋەقە ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن يىلى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك پەسەيمىگەن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مىللى مۇناسىۋەتلەر ناھايىتى نازۇك ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن. كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تەشكىلاتى- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە 6‏ - ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى گۇئاڭدوڭدا يۈز بەرگەن "شاۋگۈئەن ۋەقەسى"نىڭ رولىنى ئىنكار قىلغىنى بولمايدۇ، دەپ قاراشقان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ يۇقىرىقى ۋەقەلەردىكى ئىپادىسىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي خەلقىغە ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش نىيىتى بولسا، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقاتىنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا تەڭ يەر بېرىشى كېرەكلىكىنىك بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش يولىدا ئۆلگەن پۇقرالارغا "خەلق قەھرىمانى" دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا تۆلەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئانالىزچىلار مەزكۇر بەلگىلىمىنى تەنقىدلەپ، خىتاي پۇقرالىرىنى تاسادىپىي ۋەقەلەردە ئۇيغۇرلارغا قارشى دادىل ھەرىكەت قىلىشقا قۇترۇتۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.