قىرغىزىستاندا بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئېلان قىلىندى

بۇ يىل 10 ‏- ئايدا قىزغىرىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسى رېسپۇبلىكا پارتىيىسىگە بېرىلگەن ئىدى. ئالاھازەل ئىككى ئايلىق تالاش ‏- تارتىشلاردىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك سىياسى-پارتىيە گۇرۇھلار بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئېلان قىلىندى. كېلىشىمگە ئاساسەن ئالماسبەك ئوتانبايېف ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدىغان بولدى.

0:00 / 0:00

تەپسىلاتىنى رادىئو كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئاڭلىغايسىز.