خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجى بېرمىدىكى يەرلىك ئاممىنى ماكانلىرىدىن ئايرىغان

خىتاينىڭ بارغانچە ئۆرلەۋاتقان ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجى بېرمىدىكى مىڭلىغان يەرلىك ئاممىنى يەر-ماكانلىرىدىن ئايرىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باتۇر
2013.01.09

يېقىندا تۈركىيىدە ئېلان قىلىنغان «بىر تامچە نېفىت نەچچە مىڭ تامچە قاندىن قىممەتلىك» ناملىق ماقالە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا، بېرمىنىڭ ئاراكاندا يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ يۇرت ماكانلىرىدىن ھەيدىلىشىگە، نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە، پەقەت خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى سەۋەبچى بولماقتا ئىكەن.

بېرمىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسى مەركىزى سىتتۋ (ئاقياب) نىڭ 120 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كىياۇكپيۇ دېڭىز قىرغاقلىرىدا، 2004-يىلىدىن باشلاپ كورىيە نېفىت شىركىتى دائىۋۇ نېفىت قىدىرىش ئېلىپ بېرىپ 1.2 ترلىيۇن كۈپ مېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسى تاپقان. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي، مالايشىيا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت شىركەتلىرى بېرما ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت ئېلىپ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىش ئېلىپ بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىش پىلانىغا تالىپ بولغان ۋە كۆپ مىقداردا مەبلەغ سالغاندىن باشقا، بېرما مىلىتارىست ھۆكۈمىتى لېدىرى سەن شىۋ بىلەن سودىلىشىپ، شىۋ گاز پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان. بۇ پىلان تولۇپ ئەمەلىيلەشكەندە، كۈندە 500 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گازنى پۈتۈنلەي سېتىۋالىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى قاراشلىق نېفىت شىركىتى، يەنە شۇ رايوندا 2.1 مىليارد تۇڭ كېلىدىغان نېفىت زاپىسى تاپقان بولۇپ، بۇ نېفىت ئاپىسىغىمۇ تالىپ بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىن باشلاپ، ئاركاندىن خىتاينىڭ يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرىگە تۇتىشىدىغان ئىككى تۇرۇبا لىنىيىسى ياساشقا باشلىغان بولۇپ، بىرىدە تەبىئىي گاز، يەنە بىرىدە نېفىت توشۇلىدىكەن. تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2520 كىلومېتىر بولۇپ، 793 كىلومېتىرلىق قىسمى بېرما چېگراسى ئىچىدە، 1727 كىلومېتىرلىق قىسمى خىتاي چېگراسى ئىچىدە ئىكەن. نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2402 كىلومېتىر بولۇپ، 771 كىلومېتىرلىق قىسمى بېرما چېگراسى ئىچىدە، 1631 كىلومېتىرلىق قىسمى خىتاي چېگراسى ئىچىدە ئىكەن. بۇ ئىككى تۇرۇبا لىنىيىسى 2013-يىلىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشىدىغان بولۇپ، يىلدا خىتايغا 12 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز، 22 مىليون توننا خام نېفىت توشۇش پىلانلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانغا 7.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خام چوت ئايرىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز ۋە خام نېفىتنىڭ 49.1 پىرسەنتىگە بېرما، 50.9 پىرسەنتىگە خىتاي ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاراكاننىڭ ئاقياب شەھىرىدە قۇرغان پورت ۋە ئېنېرگىيە بازىسى ئارقىلىق، ئاراكان نېفىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، 30 يىلغىچە ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن خىتايغا توشۇلۇۋاتقان خام نېفىت ۋە تەبىئىي گازلارنى بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق خىتايغا توشۇيالايدىكەن. بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى مالاككا بوغۇزىغا رەقىب بولۇپ، خىتاينىڭ سىنگاپور ۋە مالايشىياغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىشتەك ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ سەۋەبتىن بېرما ھۆكۈمىتى تۇرۇبا لىنىيىسى ئۆتىدىغان رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسى كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان. بۇ يېزىلار ھەربىي رايونغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 13500 ئەسكەر ئاجراتقان.

ئۆتكەن يىلى 7-ئايلاردا بېرمىدىكى بۇددىست راھىبلارنىڭ ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نەچچە يۈز مىڭ ئاراكانلىق يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە نەچچە مىڭ ئاراكانلىق بۇ توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.