قىرغىزىستاندا نامايىشچىلار بىلەن ھۆكۈمەت توقۇنۇشتى

قىرغىزىستاندا ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشلىرى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغاندا ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاننىڭ تالاس شەھرىدىمۇ ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، تالاستىكى ئۆكتىچىلەر قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان. يەنە بەزى يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى نامايىشچىلار ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.