تەبەسسۇم بىلەن ئىنتىزار بېشكەكتە ئويۇن قويدى

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تەبەسسۇم سەنئەت ئۆمىكى بىلەن قىرغىزىستان بېشكەكتىكى ئىنتىزار ئۇيغۇر ناخشا ‏- ئۇسۇل سەنئەت ئۆمىكى بىرلىشىپ، بېشكەك شەھىرىدە ئىيۇن بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئويۇن كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

بېشكەكتىكى بىر تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سەنئەت پائالىيىتىگە 1500 دىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان بولۇپ ، بۇ پائالىيەت قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى چوڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.