بېشكەكتە قىرغىزىستان مىللىي ئارمىيە بايرىمى خاتىرىلەندى

29 ‏- ماي قىرغىزىستاننىڭ مىللىي ئارمىيە بايرىمى بولۇپ، قىرغىزلار قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغان 18 يىلدىن بېرى بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

بۇ يىلقى مىللىي ئارمىيە بايرىمى قىرغىزىستاندا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، باقىيۇف ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان، روزا ئوتانبايىۋا رەھبەرلىكىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا داۋالغۇپ تۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

مىللىي ئارمىيە بايرىمى ئالدىنقى كۈنى پايتەخت بېشكەكنىڭ توختىغول ساتىلغانوف نامىدىكى تياتىرخانىدا ئۆتكۆزۈلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.