بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى جۈملىدىن قىرغىزىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇتلۇق روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى. ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىنى بىشكەكنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تۆكۈلتاش مەھەللىسىدىكى ئاق مەسچىتتە ئوقۇدى.

0:00 / 0:00

بىشكەك شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۆكۈلداش، ۋوستوك 5، لىبېدىنوۋكا ھەم پاكىروۋكا مەھەللىلىرىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، روزا ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىنى بىرگە ئوقۇش ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىسى بولۇپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.