بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار 29 ‏- ماينى خاتىرىلىمەكچى

يەنە بىر كۈندىن كېيىن، 1962 ‏- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن 29 ‏- ماي ۋەقەسىگە توپتوغرا 46 يىل بولىدۇ. 29 ‏- ماي ۋەقەسى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كىشىلەر ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىغان زور ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىرىدۇر.

0:00 / 0:00

بۇ ۋەقە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان غۇلجا پۇقرالىرىنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەقەسى ئىدى. تەخمىن ۋە پەرەزلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھازىرغىچە بىر سىر. قازاقىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش قارارى ئېلىشى 29 ‏- ماي ۋەقەسىنى يەنە كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.