فرانسىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىنگاپورنىڭ شاڭگىرىلا مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان ئاسىيا بىخەتەرلىك مۇنبىرى سۆھبىتى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاياغلاشتى. ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى «شاڭگىرىلا بىخەتەرلىك سۆھبىتى» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ سۆھبەت، ۋيېتنام 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پاراسېل ئاراللىرىدا كانادا بىلەن بىرلىكتە نېفىت قىدىرىۋاتقان جايغا، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن، فىلىپپىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، خىتاي دېڭىز قىسىملىرى فىلىپپىننىڭ ئىقتىسادىي رايونىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن رايون خاراكتېرلىك جىددىيلىكتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شاڭگىرىلا بىخەتەرلىك سۆھبىتى، ئاساسەن خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزدا، تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى تالىشىش ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلىنىۋاتقان ۋەزىيەتكە مەركەزلەشكەن. بۇ سۆھبەتتە ۋيېتنام بىلەن فىلىپپىن قاتتىق غەزەپ بىلەن خىتاينى ئەيىبلىگەن. خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې بۇ سۆھبەتتە، خىتاي ھازىر ئەتراپتىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
«بۈگۈن» دېگەن تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتس شاڭگىرىلا بىخەتەرلىك سۆھبىتىدە، ئەگەر بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنى ساقلىيالايدىغان كۈچلۈك بىر ئورگان بولمىسا، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بۇ دېڭىزدا چوڭ ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار، ئەمما ئامېرىكا بۇ رايوندا ناھايىتى قۇدرەتلىك ھەربىي قىسىم تۇرغۇزىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ۋە بۇ رايوننىڭ ھاۋا قاتنىشىنى ئالىي پەن -تېخنىكا قوراللىرى بىلەن قوغدايدۇ، ئەگەر بۇ رايوندا توقۇنۇش يۈز بەرسە، قانۇن ۋە كېلىشىملەر بويىچە ئىش كۆرمىگەن تەرەپ مەغلۇپ بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان.
شىنخۇا تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سىنگاپوردىن تارقاتقان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شاڭگىرىلا بىخەتەرلىك سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې ۋيېتنامنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فون كۇانچۈن بىلەن كۆرۈشكەندە، ھازىر ۋەزىيەت ناھايىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خىتاي بىلەن ۋيېتنام ياخشى ئاكا-ئۇكىلاردىن ئىدى، خىتاي ھازىرمۇ ۋيېتنام بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاپ مۇقىملىقنى ساقلاشنى خالايدۇ، ئەمما خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ، دەپ جاكارلىغان.
خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، شاڭگىرىلا بىخەتەرلىك سۆھبىتىدە ۋيېتنامنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فون كۇانچۈن، ۋيېتنام يېقىنىدا رۇسىيىدىن سېتىۋالغان «كىلو» دەرىجىلىك ئالتە سۇ ئاستى پاراخوتىنى، ۋيېتنامنىڭ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدۇ دەپ جاكارلىغان.
خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ شاڭگىرىلا بىخەتەرلىك سۆھبىتىدىن كېيىن، فىلىپپىن ئېلان قىلغان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان فوتو سۈرەتلەرنى كۆچۈرۈپ بېسىپ، خىتاينىڭ دېڭىز قىسىملىرى جەنۇبىي دېڭىزدا جەڭ باشلاپ، قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇۋالدى دەپ تارقىتىۋاتقان يالغان خەۋەرلەرنى يىغىشتۇرۇپ قويدى.
ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارالىنا شتاتىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەن بۈگۈن بۇ ھەقتە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «دېڭىز تەۋەلىكى» دېگەن سۆز، قايسى بىر دۆلەت ھېچبولمىغاندا ئۆزى نەق ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان جاي بولۇشى كېرەك، ئەمما بۇ ئاتالغۇ ھېچقاچان قايسى بىر دۆلەت كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولغان جاينى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ۋيېتنام ئاللىقاچان تەبىئىي گاز قېزىپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بىر ئىقتىسادىي رايوننى، خىتاي ھازىر تەييارغا ھەييار بولۇۋېلىش ئۈچۈن، مېنىڭ تەۋەلىكىم دەۋالسا، ۋيېتناملىقنىڭ بېلىكىدە كۈچ يوقمىكەن؟
مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەن مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھازىر نېمىدىن قورقىدۇ؟ دەپ سوئال قويۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: خىتاي رەقىبلىرى بىلەن پارتىيە ئىچىدە 30 يىل، پارتىيە سىرتىدا 30 يىل ئېلىشتى، مۇشۇ 60 يىلدا ھەتتا ئۆزى ئۈچۈنمۇ بىر تىنچ مۇھىت يارىتالمىدى. خىتاينىڭ 38-كورپۇس دېگەن ئارمىيىسى تيەنئەنمېندە قولىدا ھېچقانداق قورال بولمىغان خەلقنى باستۇرغاندىن بۇيان، پەقەت ئەمەلدارلارنىڭ دەرگاھىنى ساقلاش ئۈچۈن پوستا تۇرۇشتىن ئۆزگىنى قىلىپ باقمىدى. خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىمۇ دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىپ باققان ئارمىيە ئەمەس، خىتايدا خەلق ھازىر ئوت ياقسىلا يالقۇنجاپ كېتىدىغان قاقشالغا ئوخشاپ قالدى، مۇشۇنداق ئەمەلىي ئەھۋالنى ھېسابلاپ كۆرگەندە، خىتاي ھازىر ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكمۇ ياكى تېخىچە ئۆزىنىڭ بولمىغان دېڭىزنى ئېلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھازىر خىتاي دەرھال قارار بەرمىسە بولمايدىغان مەسىلە، ئەمما مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇرۇش قىلمىسا، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ.