بۆ شىلەينىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇشى ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بو شىلەينىڭ خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا. 2012-يىلى 14-مارت، بېيجىڭ.
بو شىلەينىڭ خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا. 2012-يىلى 14-مارت، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي مەتبۇئاتلىرى 15-مارت كۈنى چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭدې جياڭنىڭ چوڭچىڭ شەھىرىگە پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ خەۋەر ئۆتكەن ئايدا چوڭچىڭدا يۈز بەرگەن چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، چوڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

خىتاي مەركىزى كومىتېتى ھەيئىتى، مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقى لى يۈەنخۇ چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇشى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، «چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى تەڭشەش مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەستايىدىل ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ قارارنى ئالدى» دېگەن.

خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، 14-مارت بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ،«ھازىرقى چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ھەم شەھەرلىك ھۆكۈمەت چوقۇم قايتا ئويلىنىپ، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن ساۋاق ئېلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى. تۈنۈگۈنكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋېن جاباۋنىڭ بۇ سۆزى مۇلاھىزە قىلىنىپ، ۋېن جاباۋنىڭ ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدە توختالغىنىدا، چۇڭچىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەنقىدلەش پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بو شىلەينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسەت يۆنىلىشى ھەم ۋەزىيەت تەرەققىياتى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرىدە، «چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇشى، بو شىلەينىڭ خىتاينىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى سولچىل ئىدىيىنى يېتەكچى قىلغان، «قىزىل ئارقىلىق قارىغا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت چوڭچىڭ مودىلىنىڭ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايلا قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلىپ، چوڭچىڭ مودىلىنىڭ خىتايدا كېڭىيىشىگە يول قويمايدىغان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى» دېيىلدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، «ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەم بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى بىلەن خۇ جىنتاۋ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى گۇرۇھۋازلىق كۈرىشىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىغان قىسمى.» دېيىلدى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئالدىدىكى، خىتاي ۋەزىيىتى تولىمۇ نازۇك داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرغان بىر پەيتتە، خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، شۇنداقلا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن باشقا، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى، بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت قاتلىمى ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ جىددىيلىكىنىڭ ئىسپاتى دېيىشكە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت