ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى، ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ قارىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى چوڭ يىغىندا، بو شىلەي-ۋاڭ لىجۈن مەسىلىسىدە چۇڭچىڭ شەھىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندە، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى خاتالىق ۋە فىئوداللىقنىڭ تەسىرى تېخى تامامەن تازىلىنىپ بولمىدى، دەپ كۆرسەتكەنلىكى، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا 2012-يىلى پارتلىغان جىددىي ھوقۇق كۈرىشىنىڭ ئوت نۇقتىسى. ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان خىتاي رەئىسى نامزاتى شى جىنپىڭنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژۇرنىلىدا، چېرىكلەرنى پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى يەنە بىر ئوت نۇقتىسى.
رۇسىيىدە «مۇستەقىللىق» گېزىتى، كوممۇنىست خىتاي ماۋ زېدۇڭغا چوقۇنغۇچىلارنى تاشلىۋەتتى سەرلەۋھىلىك ئوبزورىدا، كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىرقى رەھبىرى خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋلار، ماۋ زېدۇڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى يۆنىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان «قىزىل قوغدىغۇچى» بو شىلەينى مەغلۇپ قىلدى دەپ كۆرسەتتى. رۇسىيىنىڭ RBK رادىئو ئىستانسىسى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا پارتلىغان ھوقۇق كۈرىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئوبزوردا، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئەڭ ياخشى كۆرگەن قىزىل ناخشا تەشەببۇسكارى بو شىلەينىڭ، خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىغا دائىمىي ئەزا بولۇش ئارزۇ-ئارمىنى يوققا چىقتى دەپ كۆرسەتتى. رۇسىيىدە چىقىدىغان «تىجارەت» گېزىتىمۇ خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا پارتلىغان ھوقۇق كۈرىشى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، بو شىلەي ۋەقەسى بىر جىددىي پارتلاتقۇچ، ئۇنىڭ ئوت پىلتىسى ئامېرىكىغا قاچماقچى بولغان ۋاڭ لىجۈن، دەپ كۆرسەتتى.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «ئاۋانگارت» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى بو شىلەينىڭ چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومدىكى مەنسىپىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنلا، مەركىزى كومىتېتنىڭ سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينى تەكشۈرۈش دوكلاتى تارقالدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئاشكارىلىنىپ ئىنتېرنېتقا چىقتى. ھازىر خىتايدا يەنە، مەركىزى كومىتېتنىڭ ۋاڭ لىجۈننى بىر تەرەپ قىلىش قارارى دېگەن بىر قارار جەمئىيەتكە تارقىلىۋاتىدۇ. بۇ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ بو شىلەي بىلەن ۋاڭ لىجۈننىڭ نامىنى سېسىتىشقا بەل باغلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي 1995-يىلىدا ۋە 2006-يىلىدا، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى چېن شىتۇڭ بىلەن چېن لياڭيۈگىمۇ مۇشۇنداق تەدبىر قوللانغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، چۇڭچىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋە ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرگەن ھامان، خىتاي مەركىزى كومىتېتى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ تېخىمۇ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىش يولىنى توسۇۋەتتى. بو شىلەي بىلەن ۋاڭ لىجۈن ھازىر خىتايدا، قىزىل ناخشا ئېيتىپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان ماۋ زېدۇڭپەرەس دەپ قارالماقتا.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ لىجۈن 1-ئاينىڭ 28-كۈنى بو شىلەينىڭ خوتۇن -بالىلىرى چېتىلىپ قالغان دېلو مەسىلىسىنى بو شىلەيگە دوكلات قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىنلا، ۋاڭ لىجۈننىڭ ياردەمچىلىرى يوشۇرۇن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ۋاڭ لىجۈن دەرھال مەسىلىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا بارغان.
«مالىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۇنيادا بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا تۇرغاندا، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا جىددىي سىياسىي كرىزىس پارتلىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي يەنە، خۇددى خىتاينىڭ باش مىنىسىترى جاكارلىغاندەك، بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتايدا ھازىر مۇقىملىق دېگەن سۆزمۇ ئاللىقاچان بىر رىۋايەتكە ئايلاندى. ئەمما بۇنداق ۋەزىيەت يەنىلا خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش ئىرادىسىنى توسالماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكىمۇ، كرىزىس ئىچىدە يۈز بەرگەن شىمال بىلەن جەنۇب ئۇرۇشىدىن كېيىن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. گېرمانىيە ۋە ياپونىيىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىمۇ دەل شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بولغان.