«فرانسىيە ئاگېنتلىقى»نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىر بو شىلەي ئائىلىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى پۇل-بايلىقىنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىدىكى «بلۇمبۇرگ ئۇچۇر ئاگېنتلىقى» بو شىلەي ئائىلىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى پۇل-بايلىقى 136 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى دەپ جاكارلىغان ئىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەرلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدىن خوڭكوڭغا ئەۋەتكەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھازىر بو شىلەي ئائىلىسىنىڭ-بو شىلەينىڭ ئاكىسى بو شىيۇڭ، ئالدىنقى خوتۇنىدىن تۇغۇلغان ئوغلى لى ۋاڭژىنىڭ ۋە بو شىلەينىڭ خوتۇنى گۇ كەيلەينىڭ ئىككى ئاچىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى پۇل -بايلىقىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئاشكارىلىغان خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتايدا يۈز بەرگەن ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ئارقىلىق، ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل خېيۋۇتنىڭ خىتايدا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئەڭ بۇرۇن خەۋەر تاپقان، ھەتتا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىللىيام خاگدىنمۇ بۇرۇن خەۋەر تاپقان چەتئەل رەھبىرى. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان جىددىي ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما شۇنىڭدىن كېيىن بو شىلەي ۋەقەسىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتى-ۋاقتىدا دوكلات ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىدۇ.
كوممۇنىست خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بو شىلەي ئائىلىسى ئۆزىنىڭ جىنايەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئەگەر چەتئەللىك سودىگەر خېيۋۇتنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، يەنە بۇ جىنايەتنى مەخپىي تۇتۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىنىمۇ يوق قىلماقچى بولمىغان بولسا، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا دەرھال ھوقۇق ئۇرۇشى يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ماۋ زېدۇڭغا ئەگىشىدىغان خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋلارمۇ، ماۋ زېدۇڭنىڭ يولىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بو شىلەينى «مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى تەكرارلىماقچى» دېگەن جىنايى نام بىلەن جازالىمىغان بولاتتى. ئەگەر ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ئارقىلىق خىتايدا بۇنداق جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا بولمىغان بولسا، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆزى خىتايدا چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنى جازالىمىسا بولمايدىغان، ئۇلارنى جازالىمىسا كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالالمايدىغان ۋەزىيەتكە يۈزلەنمىگەن بولاتتى ۋە ئەمدى بۇ دۆلەتتە يېڭىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغان پۇرسەت پەيدا بولمىغان بولاتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىتايدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى كۆپىنچە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەھۋالىىنى بىلىدىغان جوھن تاسكنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن چەتئەللىكلەر، خۇددى ئەنگلىيىلىك خېيۋۇتتەك زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقە خىتايدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ ۋەقە چەتئەللىكلەرگە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نەقەدەر قەبىھ ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بو شىلەي ئائىلىسى ئۆزىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا بۇنىڭدىنمۇ قەبىھ ۋاسىتە قوللانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق پاكىت بار. ئۇ بولسىمۇ 2005-يىلى 5-ئايدا داليەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن 6136-نومۇرلۇق يولۇچى ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلاپ كېتىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ۋەقە. ئەينى ۋاقىتتا، داليەن شەھىرىنىڭ باشلىقى بو شىلەي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلاتقۇزۇۋەتكەن. بو شىلەي ئۆزىنىڭ ئەمەل-مەنسەپ رەقىبى خەن شاۋگۇاڭنى تۈرمىگە تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خوتۇنى ئېرىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئەرزىنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋنىڭ قىزى ۋە لى شەننيەننىڭ قىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ قويۇپ، شۇ ئايروپىلانغا ئۆلتۈرۈپ بېيجىڭغا ماڭغان ئىكەن. نەتىجىدە بېيجىڭغا ئەرزگە ماڭغان بۇ ئايال شۇ ئايروپىلاندىكى 112 نەپەر يولۇچى بىلەن بىللە داليەن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا چۈشۈپ ئۆلگەن. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزىنىڭ بۇنداق جىنايەت مەخپىيەتلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
«خىتايغا نەزەر تور گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى كوممۇنىست خىتاينىڭ «مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن سىياسىتى بىر ساختا سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ۋە «مۇقىملىقنى ساقلاش» دېگەن سىياسەتكە تايىنىپ پۇل-بايلىق توپلاشقا كىرىشكەن خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايدى. بۇ ۋەقە خىتايدا بىر تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. بۇ ئۆزگىرىش خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق ئۇرۇشىنى جىددىيلەشتۈردى.
«ۋول سترېت گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، بو شىلەي 2007-يىلى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر بۇ شەھەرنىڭ قەرزى 346 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بو شىلەينىڭ بۇ شەھەردە يولغا قويغان «قەرز ھېسابىدا مەبلەغ توپلاش» سىياسىتى ئەمەلدارلار ئۈچۈن پۇل-بايلىق توپلاش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.