خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆ شىلەينى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى ھەققىدىكى قاراشلار
2012.10.04
دائىرىلەر يەنە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىۋەتكەن چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ۋاڭ لىجۈن تەرىپىدىن جىنايەتلىرى پاكىتلار بىلەن پاش قىلىنغان بو شىلەيگە قانداق جازا بېرىلىشى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىغا تەسىر قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئىلگىرى 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن، كېلەر نۆۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان، ئەمما چۇڭچىڭ ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ پاش قىلىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، چۇڭچىڭنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.
4-ئۆكتەبىر كۈنى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن بوشۈن تورىدا «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بو شىلەينى بىر تەرەپ قىلىشتىكى 3 خىل تاللىشى» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە «بو شىلەينى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھازىر ئۈچ خىل ئېھتىماللىق بار. 1-سى سىياسىي ئىسلاھات قەدىمىنى بېسىش. خىتاي ھازىرغىچە ھەقىقىي قانۇن دۆلىتى بولالمىدى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم بو شىلەينى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھازىرقى تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىشكە ئاساس سالسا، ئۇ چاغدا خىتاي پۇقرالىرى خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئۈمىد باغلىيالايدۇ. ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھازىر تېخى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. 2-يول، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغان ھالەتتىمۇ، بو شىلەي ئۈستىدىن ئادىل سوت قىلىپ، بو شىلەي ۋەقەسى ئارقىلىق، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىش. ئەمما بو شىلەيگە ئوخشاش چىرىك ئەمەلدارلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تارقالغان. شۇڭا ئۆز-ئارا مەنپەئەتدار گۇرۇھ شەكىللەندۈرگەن خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆز ھوقۇقلىرىنىڭ قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ. 3-يول بو شىلەينى بىر تەرەپ قىلىشتا، بۇندىن ئىلگىرى جازالانغان چېن لياڭيۈ، چېن شىتوڭلارغا ئوخشاش بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى قۇربانلىق قىلىپ، يەنە بىر گۇرۇھ مەنپەئەتدار ئەمەلدارلارنى قوغداپ قېلىش يولى. بۇ ھالدا پۈتۈن دۇنيا بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى خىتايدىكى گۇرۇھۋازلىق كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ بىلىدۇ. ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئالدىنقى ئىككى يولنى تاللاشتىن ئۈمىد كۈتۈش پەقەت بىر گۈزەل چۈش» دېگەن بايانلار بېرىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بو شىلەينى جازالىشى خىتايدىكى گۇرۇھۋازلىق كۈرىشىنىڭ يەنە بىر مىسالى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە خىتاي قانۇنىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-بارماسلىقىغا تاقىلىدىغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە بو شىلەينىڭ ئېغىر جازالىنىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بو شىلەينىڭ ئاقىۋىتى خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، بۇ قېتىم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بو شىلەيگە 20 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى پارىخور چىرىك ئەمەلدارلارنى بىراقلا تازىلاپ، قانۇن ئالدىدا ئەمەلدار، پۇقرالار باراۋەر بولىدىغان ھەقىقىي دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى پۈتكۈل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز-ئارا مەنپەئەتدار ئەمەلدارلار گۇرۇھىدىن تەركىب تاپقان، پارىخور، چىرىكلەشكەن، مۇستەبىت قۇرۇلما. بو شىلەينىڭ جازالىنىشى ۋاڭ لىجۈننىڭ بو شىلەينىڭ قىلمىشلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋېتىپ،كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەتچىلىكنى يوشۇرۇپ قالالمىغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن بو شىلەينى جازاغا تارتىش قانۇننىڭ ئادىللىقىنى نامايان قىلىش، سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ھەم خىتاي پۇقرالىرى ئالدىدا ئۆز ئىناۋىتىنى تىكلەش ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك قاتلىمى بولغان مەركىزى سىياسىي بيۇرۇدىكى 9 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئىچىدىكى، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ يۈڭكاڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 20 يىل ئەمەل تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى قاتتىق قول مۇستەبىت سىياسىتى ھەم پارىخور چىرىكلىكى بىلەن نامى چىققان ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھازىرغىچە جازالانمىغانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر توپ ئۆز-ئارا مەنپەئەتدار گۇرۇھلارنىڭ بىرىكمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نۆۋەتتە، بو شىلەينىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەم بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە قانۇنىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالىنىڭ بار-يوقلۇقى، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان گۇرۇھۋازلىق كۈرىشى قاتارلىقلار ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ھەم چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولماقتا.