بو شىلەي ئائىلىسىنىڭ ھوقۇققا تايىنىپ مال-دۇنيا يىغىشى، ھەتتا ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك سودىگەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېتىلىپ قېلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ھەرقايسى خەلقئارا مەتبۇئاتلار بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى راۋاجى ھەققىدە مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈشمەكتە. مەسىلەن، بۈگۈن ئامېرىكىدىكى س ن ن تېلېۋىزىيىسى بو شىلەي ۋەقەسىنى خىتاينىڭ سىياسىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ۋەقە، دەپ مۇلاھىزە قىلدى. ئۇلار بو شىلەي ۋەقەسىنى خىتاي لىدېرلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت» دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەردە ئامېرىكىدىكى برۇكلىين ئىنىستۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى چىڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر ۋاڭ لىجۈن بېرىپ، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرمىگەن بولسا، بو شىلەي ئۆرۈلەمتى-ئۆرۈلمەمتى، ئۇنىسى ئېنىق ئەمەس. لېكىن مېنىڭ كۆز قارىشىمچە، بۇ ھازىرقىدەك ئۇنداق ئاسان بولمىغان بولاتتى. چۈنكى، ئۇ خىتايدىكى مەلۇم بىر سىياسىي ئېقىمنىڭ ۋەكىللىك قىلغۇچىسى. ئۇ ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە چۇڭچىڭدىكى جىنايى قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلغان. قىزىل ناخشا ئېيتىشنى قايتىدىن تىرىلدۈرگەن بىر شەخس. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك»
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، ۋەقەنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە تەسىر بېرىپ، بو شىلەينىڭ غايىۋىلىشىشىغا يول ئاچقان. لې چىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قامال قىلىۋالغاچقا، خەلق ئارىسىدا ئۆسەك سۆزلەر كۆپلەپ تارقالدى، بۇلارنىڭ كۆپىدە بو شىلەينىڭ قۇدرىتى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىلگەن، خەلق بو شىلەينىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنىگە ئىشەنمەيدۇ» دېگەن. شۇڭا ئۇ، بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ۋە ئاخباراتنى قويۇۋېتىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت دېگەن ۋە بو شىلەي ۋەقەسى ئارقىلىق كۆزى ئېچىلغان خەلقنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي كرىزىسلاردا قوزغىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، بو شىلەي ۋەقەسى خىتايدىكى سىياسىي ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىكنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالاھىدە يىرىك بىر مىسال دەپ كۆرسىتىلگەن. بو شىلەي ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكى، ئۇنىڭ ئايالى گو كەيلەينىڭ تۇغقانلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى مال-مۈلكى، ئۇلار ئاچقان شىركەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن خەۋەردە، خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىگە مۇنداق باھا بېرىلگەن:
«خىتايدا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بايلىق يىغىش ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال. چۈنكى، خىتايدا ئۇنى قانداق قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە ئېنىق بىر فورمۇلا يوق، ئەمما خىتايدا چىرىكلىك قىلىش چۈشىنىكسىز سىياسىي جەريانلار ۋە باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇۋېتىلگەن.»
ئىلگىرى داليەندە مۇخبىرلىق قىلغان ۋە كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان مۇخبىر جياڭ ۋېيپىڭ لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىگە بەرگەن مۇلاھىزىسىدە «خىتايدا بو شىلەي ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا ئوخشاش نۇرغۇن باشقا ئەمەلدارلار بار. ئۇلار پەقەت بۇ ئىشنى توغرا ۋاقىتتا ۋە تېخىمۇ ئۇستىلىق بىلەن قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بو شىلەيدەك ئۆرۈلۈپ چۈشمىدى» دېگەن.
مەزكۇر گېزىت، خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنىڭ خىتايدىن قېچىشقا توغرا كەپ قالسا، ئۆزىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن مال-مۈلكىنى چەتئەللەرگە يۆتكەيدىغانلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنى خوڭكوڭغا ياكى سىنگاپور، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرگە چىقىرىپ، ئۆزىگە چەتئەل پاسپورتى ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ھازىرغىچە 18 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي ھۆكۈمەت كادىرى، ئەدلىيە ئورگان خادىملىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ باشلىقلىرى چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئەپ قاچقان پۇلنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بولسا 127 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق» گېزىتى بولسا، بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانىچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بو شىلەي ئائىلىسىنىڭ چىرىكلىك ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك تىجارەتچى نېيىل خېيۋۇدنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىلىپ قېلىشى خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىككىلەندۈرۈپ قويغانلىقتىن، ۋەقە يۈز بەرگەن بىر ئايدىن بۇيانقى ۋاقىت ئىچىدە خىتايغا كىرىپ-چىقىۋاتقان چەتئەل مەبلىغىدە تۆۋەنلەش بولغان. خەۋەردە بۇ ھەقتە «خىتاي سودا-سانائەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل 3-ئايدا چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئىلگىرىكى ئايلاردىن كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىگەنلىكىنى دوكلات قىلدى. بۇ خىل ئەھۋال بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئازراق بېسىقىپ، سىياسىي مۇقىملىق پەيدا بولمىغۇچە داۋام قىلىدۇ، بۇ ئاز دېگەندىمۇ 2-3 يىل ۋاقىت ئېلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
ئەمما گېزىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغانلىقتىن، بۇنىڭ دائىرىسىنىڭ ۋە مۇددىتىنىڭمۇ بەك كېڭىيىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىلگەن.