خىتاي ھۆكۈمىتى 15 - مارت كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بو شىلەينىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ دې جياڭنى تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە يەنە بوشىلەينىڭ خوتۇنى گۇ كەيلەينىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ بېرىلدى.
خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، 14 - مارت بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ،«ھازىرقى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ھەم شەھەرلىك ھۆكۈمەت چوقۇم قايتا ئويلىنىپ، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن ساۋاق ئېلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بو شىلەينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسەت يۆنىلىشى ھەم ۋەزىيەت تەرەققىياتى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى بارلىققا كەلتۈردى.
بەزى مۇنازىرىلەردە، بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى خىتايدا ئىسلاھاتنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا خىتايدا ھەقىقى ھالدىكى ئىسلاھاتنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا 16 - مارت ئېلان قىلىنغان «بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى خىتايدىكى ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشىمۇ؟» دېگەن مۇلاھىزە ماقالىسىدە، «14 - مارت كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ ئىسلاھات يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ تارىختىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىگە قايتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مودىلىنى ئىنكار قىلدى. ئارقىدىنلا 15 - مارت كۈنى «قىزىل ئارقىلىق قارىغا زەربە بېرىش» نى تەشەببۇس قىلغۇچى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بو شىلەي چۇڭچىڭدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇلارنىڭ خىتايدا ئىسلاھاتنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.» دېيىلدى.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا يەنە ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەم بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش ۋەقەسى قاتارلىقلارنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى گۇرۇھۋازلىق كۈرىشىنىڭ سىرتقى دۇنياغا ئاشكارىلانغان قىسمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئەنگىلىيە ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 16 - مارت كۈنى ئېلان قىلغان «بو شىلەي خىتاي ئەمەلدارلار قاتلىمىدىكى كۈرەشنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى» ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرى بىلەن خۇ جىنتاۋ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرسىدىكى گۇرۇھۋازلىق كۈرىشىدە،چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى
بو شىلەي قۇربانلىق قىلىندى. جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرىدىن بولغان بو شىلەي، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ ئىشەنچلىك شىرىكى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تىلىگەنلىكى ۋەقەسى سەۋەبلىك، خۇ جىنتاۋ تەرەپدارلىرىغا قول سېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشتە قۇربانلىق قىلىندى» دېيىلدى.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بو شىلەي ھەققىدىكى بىر مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بو شىلەي ۋەقەسى ھەققىدە توختالغىنىدا، كۆپ قېتىم «مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئىدىيىدە بىردەكلىكنى ساقلاش»، «خىتاينىڭ چوڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىش»نى تەكىتلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، بو شىلەيگە ئوخشاش ئالاھىدە مودىل تىكلەشكە ئۇرۇنغان ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە يول تۇتۇشىغا يول قويمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ۋەزىيىتى تولىمۇ نازۇك داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرغان بىر پەيتتە، خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ داۋۇلغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دېيىشكە بولىدىكەن.