بو شىلەي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 10 - ئاپرېل كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆتكەن ئايدا چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان خىتاي بو شىلەينىڭ ئېغىر خاتالىقى سەۋەبلىك، سىياسىي بيۇرو ئەزالىق سالاھىيىتىنىڭمۇ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە بو شىلەيگە چېتىلىدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەم خىتاي ۋەزىيىتىنى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزە ھەم پەرەزلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ يىل 6 - فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن چۇڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىدىن ياردەم سوراش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىغا بىۋاستە سەۋەبكار بولغان، ئىلگىرىكى باشلىقى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بو شىلەيگە مەركەزلەشكەن ئىدى.

شەيشەنبە كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى بو شىلەينىڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسى خىتاي مەركىزى سىياسى بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى، ئىككى ئايدىن بۇيان جەمئىيەتتە تارقالغان بو شىلەيگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پەرەزلەرنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى.

بىرقانچە كۈندىن بۇيان چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ھەم چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە، بو شىلەي ھەم ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ يۇڭكاڭغا بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ قانداق تەسىر قىلىشى مۈمكىنلىكى ھەققىدىكى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر كۆپەيدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بولسا، ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ھەم ئورگانلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بو شىلەي ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باش ماقالىلەر كۆپلەپ بېسىلدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ 12 - ئاپرىل كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بو شىلەي ۋەقەسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىدە« بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بو شىلەيگە چارە كۆرۈشى، خىتايدا سىياسى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ يېڭى بىشارىتى»، «بۇ خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك گۇرۇھىدا ئۆز - ئارا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇۋاتقان خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ گۇرۇھى بىلەن جاڭ زېمىن، جۇ يۇڭكاڭ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرۈشىدە جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسەتتى» دېيىلدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن بوشۈن قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى، جاڭ زېمىن تەرەپدارلىرىدىن جۇ يۇڭكاڭغا ئوخشاش خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سەتچىلىكلەرنىڭ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بوشۈن تور بېكىتىدە 12 - ئاپرىل ئېلان قىلىنغان «بو شىلەي دىراممىسى ئەمدى باشلاندى، كېيىنكى نىشان جۇ يۇڭكاڭ» سەرلەۋھەلىك ماقالىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەمەلدارلار ئىچىدە بو شىلەينىڭ ئەڭ يېقىنىدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان مەركىزى سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ يۇڭكاڭنىڭ نەچچە يۈز مىليون يۈەن قىممىتىدىكى پارىخورلۇقى، ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى چىرىكلىكى شۇنداقلا ئۇنىڭ بو شىلەيگە بىۋاستە بۇيرۇق بېرىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ۋېن جياباۋ، شى جىڭپىڭ، ۋاڭ ياڭ، خې گوچاڭ قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلېفون خاتىرىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىقچە توپلاپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھەم تور بېكەتلىرىدە 200 نەچچە مۇخبىر ھەم يازغۇچىلارنى ياللىۋېلىپ خۇ جىنتاۋ تەرەپدارلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر پاكىتلىرى بىلەن بايان قىلىندى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىدىمۇ بو شىلەي ۋەقەسى ھەم خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر كۆپلەپ بېرىلدى. بۇ مۇلاھىزىلەردە ئاساسلىقى بۇ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بو شىلەي ۋەقەسىگە چېتىلىپ، يەنە قايسى ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى ئىچىدىكى جياڭ زېمىن گۇروھى بىلەن خۇ جىنتاۋ گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەم بۇنىڭ خىتاينىڭ سىياسى تۈزۈلمىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىدە «بو شىلەينىڭ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ھەم ئۇنىڭ خوتۇنى گۇ كەيلەينىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ سىياسى ۋەقە» دەپ تەرىپلەندى. «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدە، «ئەنگىلىيىلىك سودىگەرنىڭ خىتايدىكى يۇقىرى قاتلام رەھبىرىنىڭ ئايالى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئەزەلدىن پاكلىق ھەم ئىنتىزامچانلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسى شەرمەندىچىلىك ۋەقەسى بولدى» دېگەن خەۋەر بېسىلدى. «ۋال سترېت ژورنىلى» دا بېرىلگەن خەۋەردە خىتاينىڭ قانۇن ساھاسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى چۇڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاستە باشلىقى ھەم ئۇزۇن يىللىق شىرىكى بو شىلەي ھەققىدىكى سەتچىلىكلەرنى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ئاشكارىلىۋېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى قاتارلىقلار خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان، كوممۇنىستىك پارتىيىگە سادىق بولۇش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قاتارلىق نىزاملارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلار ئېڭىدا ھېچقاچان مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «تېلىگراف گېزىتى»دە، بۇ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بو شىلەينىڭ 1989 - يىلىدىن بۇيان، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى گۇرۇھۋازلىق كۈرىشىدە قۇربانلىق قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ 5 - سى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، «ئالدىنقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىچىدە خۇ ياۋباڭ 1989 - يىلى 15 - ئاپرىل كۈنى تۇيۇقسىز ئۆلدى، سابىق خىتاي باش مىنىستىرى جاۋ زىياڭ 1989 - يىلى ۋەزىپىسىن قالدۇرۇلۇپ تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە نەزەربەند ئاستىدا ياشىدى، چېن شىتوڭ چېن لياڭيۈلەر تۈرمىگە قامالدى. بو شىلەي ۋەقەسى خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك گۇرۇھى ئىچىدىكى ئىچكى زىددىيەتنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىمۇ خىتايدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بو شىلەي ۋەقەسى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بو شىلەي ھەققىدىكى قارارىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

13 - ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلىنغان«شىنجاڭدىكى كادىرلار ھەم ئامما پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ توغرا قارارىنى ھىمايە قىلىدۇ» سەرلەۋھەلىك باش ماقالىدە «شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ھەم ئامما پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارىنى ھىمايە قىلىمىز. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يولداش بو شىلەينىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى ھەمدە ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئەنگىلىيە پۇقراسى نېئېل خېيۋۇدنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنى قانۇن بويىچە قايتا تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى شىنجاڭدىكى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچى، كادىرلار ھەم ئامما تەرىپىدىن بىردەك قوللاشقا ئېرىشتى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ ئەمەلدارلار قاتلىمى ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ نامايەندىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى 1976 - يىلى خىتايدا «4 كىشىلىك گۇروھقا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى، 1989 - يىلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تيەنئەمىندە باستۇرۇلۇش ۋەقەسى قاتارلىقلاردىن كېيىن، خىتايدا يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق سىياسى ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.