بۈگۈن يىغىننىڭ 3-كۈنىگە قەدەم قويدى. بۈگۈنكى يىغىندا يەنە تەشۋىقاتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىر كۈچى توغرىسىدا سۆز قىلىندى. يىغىن، تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە باشلاندى. يىغىنغا ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ھۆرمەتلىك سىراجىدىن ئەزىز ئەپەندى، «تەشۋىقاتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەشۋىقاتنىڭ ئەرەب باھارىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

كېيىن گوللاندىيىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن گوللاندىيىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ۋە جەمئىيەت مائارىپ بۆلۈمى مەسئۇلى ئىيسا ساۋۇت ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
يىغىندا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان ئابدۇلئەھەد ھاپىز ئەپەندى، «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە ئىش پىلانى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» تونۇشتۇرۇلدى ۋە بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشتىكى غايە-مەقسەتلىرى، ئەھمىيىتى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت دائىرىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.
يىغىننىڭ كەچلىك پروگراممىسىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 4-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ دالا پائالىيىتى پروگراممىسى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئاساسلىقى، تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى تەشۋىقاتنىڭ ئەھمىيىتى، ئاممىۋى تەشۋىقاتتىن ئىنسانلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار قانداق پايدىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتچانلىق، تەلىم-تەربىيە، ۋە ئىقتىسادىي يۈكسىلىش دېگەن تېمىلاردا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.