بومبايدا مىلتىق ئاۋازى توختىدى، ئەمما غەزەپ ئۆرلىمەكتە

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، پۇل - مۇئامىلە مەركىزى بولغان بومباي شەھىرىدە، 11 ‏ - ئاينىڭ 26‏ - كۈنى كەچ سائەت 11 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە توساتتىن ئوق ئېتىلغان، گرانات پارتلىغان ۋەھىمىلىك ئاۋاز ئاڭلىنىشقا ۋە ئوت كېتىپ كۆتۈرۈلگەن ئىس - تۈتەك كۆرۈنۈشكە باشلىغان.

0:00 / 0:00

تاج مەھەل، ئوبىروي، ناملىق ئەڭ ئالى دەرىجلىك مېھمانخانىدا، نارىمان خاۋس ناملىق يەھۇدىيلار مەھەللىسىدە، پويىز ئىستانسىسىدا ۋە يەنە بىر دوختۇرخانىدا، ئومۇمەن 7 جايدا بىرلا ۋاقىتتا بىگۇناھ ئادەملەر ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈشكە باشلىغان.

ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان رادىئولىرى ئاڭلاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ ھەرىكەتكە كېلىپ بولغىچە 80 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندۇرۇلۇپ بولۇنغان.

مېھمانخانىلاردا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم چەتئەللىكلەر ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان. ھۇجۇم قىلغۇچىلار، ئەينى ۋاقىتتا، تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە پاسپورتى بار كىشىلەرنى كۆپرەك سۈرۈشتە قىلغان.

شۇنىڭدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، بومبايدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ جەريانى ئوخشىمىغان ئۇچۇر ۋاستىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنياغا خەۋەر قىلىنىپ تۇردى. نەق مەيداندىن ئىسپات بەرگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنىمۇ پۈتۈن دۇنيا بىۋاستە ئاڭلىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋەقەنىڭ جەريانىنى ئۆز خەلقىغە خەۋەر قىلىپ تۇردى.

بۇ ۋەقەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 9 ھۇجۇمچىنىڭ جەسىتىنى بومبايدىكى قەبرىستانلىقلار قوبۇل قىلمىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بومبايدىن خەۋەر قىلىشىچە، بومبايدا تازىلاش ئاخىرلاشتى. ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنغان ئادەم سانى 172، )بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستاننىڭ قوراللىق قىسىملىرىدىن ئۆلگىنى 12. ھۇجۇمچىلاردىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگىنى 9.( بۇ ۋەقەدە يارىلاندۇرۇلغان ئادەم سانى 239.

بۈگۈنكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 9 ھۇجۇمچىنىڭ جەسىتىنى بومبايدىكى قەبرىستانلىقلار قوبۇل قىلمىدى.

ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە 19 ئى چەتئەللىك

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە 19 ئى چەتئەللىك، بۇنىڭ 6 سى ئامېرىكىلىق. قالغانلىرى گېرمانىيىلىك، ئەنگلىيىلىك، ئىسرائىلىيىلىك، ياپونىيىلىك، ئىتالىيىلىك، ئاۋستىرالىيىلىك، كانادالىق، سىىنگاپورلۇق، تايلاندلىق، فرانسىيىلىك ۋە مېكسىكىلىق.

گەرچە ھىندىستان خەۋەرلىرىدە، بۇ قېتىم بومبايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاي پۇقراسىدىن بىر كىشى ئۆلدى، دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بومبايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بۈگۈن جاكارلىشىچە، بومبايدىكى مېھمانخانىلاردا تۇرغان خىتاي پۇقرالىرى، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاللىقاچان خەتەردىن ئۆزىنى قۇتقۇزىۋالغان، ھازىرغا قەدەر خىتاي پۇقرالىرىدىن بىرمۇ ئادەم ئۆلمىگەن.

جورج بۇش ماتەم قايغۇسىنى ھىندىستانغا بىۋاستە ئىپادىلەيدىغان پۇرسەت كۈتمەكتە

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىم ھازىر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ماتەم قايغۇسىنى ھىندىستانغا بىۋاستە ئىپادىلەيدىغان بىر پۇرسەتنى كۈتمەكتە.

كاندىلىزا رايس خانىم بۈگۈن لوندونغا سەپەرگە چىقىش ئالدىدا قىلغان سۆزىدە 'ھازىر خۇلاسە چىقىرىشقا تېخى بالدۇر، ئەمما مەن ۋەقەنىڭ جەريانى تامامەن ئوچۇق بولۇشىنى كۈتىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ پاكىتلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تۇلۇق ياردەملىشىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن' دەپ جاكارلىدى.

'ھۇجۇمچىلارنىڭ چەتئەل ئارقا كۆرۈنىشى بار'

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 11 ‏ - ئاينىڭ 27 ‏ - كۈنى بومبايدا، ھۇجۇمچىلار بىلەن ھىندىستان قىسىملىرى تىركىشىۋاتقاندا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇھان سىنخا 'ھۇجۇمچىلارنىڭ چەتئەل ئارقا كۆرۈنىشى بار' دەپ جاكارلىغان، ۋە ھىندىستاننىڭ بەزى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىدىن ئىستىپا بېرىشكە قىستىغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ھىندىستان قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بىر ھۇجۇمچى بۈگۈن، ئۆزىنىڭ پاكىستان ھەربىي ئورگانلىرىنىڭ 'لەشكىرى تائىپە' دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپىسىدىن ئىكەنلىكىنى، پاكىستاندا تەربىيىلىگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.

بومبايدا مىلتىق ئاۋازى توختىغاندىن كېيىن، خەلق غەزىپىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بومبايدا مىلتىق ئاۋازى توختىغاندىن كېيىن، يەرلىك خەلق ھازىر گۈلدەستە كۆتۈرۈپ، شام يېقىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن ئالى مېھمانخانىلارنىڭ ئالدىغا ۋە باشقا جايلارغا كېلىپ بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈشكە باشلىدى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن بۇ ۋەقەگە دائىر بەزى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرەيش بۈگۈن، ئەگەر ھىندىستان قىسىملىرى ھەرىكەتلىنىشكە باشلىسا، پاكىستانمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئافغانىستانغا چېگرىداش جايلاردىكى ئىسلامچىلار قوشۇنىنىمۇ سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھۇجۇمچىلارنىڭ قوراللىرى ھەممىسى خىتايدا ئىشلەنگەن

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، بومبايدا مېھمانخانىلارغا كىرىۋېلىپ ھۇجۇم قوزغىغان 20 نەچچە قوراللىق كىشى، شۇ كۈنى كەچتە قاراڭغۇدا قولۋاق بىلەن قىرغاققا چىققان، ھەممىسى يېشى 30 دىن تۆۋەن، مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم كۆرگەن، ئۈستىگە پادىچى كىيىمى ياكى مايكا كىيىپ نىقابلانغان كىشىلەر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا "ئاك - 47" بەلگىلىك ئاپتومات ۋە ھەرخىل قول بومبىلىرى بار. ئۇلارنىڭ قوراللىرى ھەممىسى خىتايدا ئىشلەنگەن .

تاج مەھەل، ئوبىروي ناملىق مېھمانخانىلاردىن بۇ ھۇجۇمچىلار ئۆلتۈرگەن 20 نەچچە جەسەت ئېلىپ چىقىلدى. ئۇلار ھەتتا مېھمانخانىلارنىڭ كارىدورلىرىغىمۇ بومبا ئورۇنلاشتۇرغان. ھىندىستان قىسىملىرى ئۇلارنى تۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ چىقىم تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئېتىشتىن ئۆزگە ئامال قىلالمىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بومباي ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.