بوشۈن تور بېتىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئائىت ماقالە ھەققىدە سۆھبەت

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي تور بەتلىرىدە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ پارتلاش سەۋەبى ھەققىدە مۇلاھىزە ماقالىلىرى ھەم زىيارەت خاتىرىلىرى ئېلان قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

بوشۈن تور بېتىدە 15 - ئاۋغۇست كۈنى مۇخبىر جاڭ چىڭياڭنىڭ

"5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مۇدىرى ئىلشات ئەپەندى بىلەن سۆھبەت"Opens in new window ]

ناملىق زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بوشۈن تور بېتى مۇخبىرى جاڭ چىڭياڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئىلشات ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بوشۈن تور بېتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ئۆزىنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۆھبەت جەريانىدا ئىلشات ئەپەندى، مۇخبىرنىڭ ئەسلىدىكى زىيارەت جەريانىدا دېيىلمىگەن گەپلەرنى ماقالە ئاخىرىغا قوشۇپ قويغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئەسلىدىكى زىيارەت جەريانىدا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

ماقالە ئاپتورى تەرىپىدىن قوشۇپ قويۇلغان بۇ مەزمۇنغا نىسبەتەن، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بەس - مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بوشۈن تور بېتىنىڭ مۇخبىرى جاڭ چىڭياڭ 18 - ئاۋغۇست كۈنى بوشۈن تور بېتىدە، ئۆزىنىڭ بۇ زىيارەت خاتىرىسىگە ئەسلىدىكى زىيارەت جەريانىدا دېيىلمىگەن مەزمۇنلارنى قوشۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىلشات ئەپەندىدىن ھەم ئۇيغۇر تورداشلاردىن كەچۈرۈم سوراپ يازغان ئوچۇق خېتىنىمۇ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىلشات ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ماقالىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، ماقالە ھەققىدە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بارغان تورداشلارغا ھەم ئاڭلىغۇچىلارغا نىسبەتەن سەمىمىي رەھمىتىنى ئىپادىلىدى.

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى تور بەتلىرى ھەم مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ھەم "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.