ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا ئېچىلغان بۇ يىغىننى ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى فرېيدا بروپوئېلس خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ھەمدە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
"غايىب بولۇش ئالدىدا تۇرغان يىپەك يولىدىكى بوستانلىق-قەشقەر" دېگەن تېمىدىكى بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلى قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى شەھەر سىرتىغا كۆچۈرگەن، شەھەر مەركىزىگە بىنا سېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيادىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار قەشقەرنى قوغداپ قالايلى تېمىسىدا ئىمزا يىغىش پائالىيەتلىرى باشلاتقان ئىدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار نەق مەيداندىن بىزگە بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ۋىنسېنت مەتتېن، فلامىش دۇنيا مىراسلىرى مۇتەخەسسىسى سۇزان خەۋېربرېك خانىملار قانداق قىلىپ قەشقەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە شۇنداقلا يوق بولۇپ كەتكەن مەدەنىيەت ھەم قۇرۇلۇش مىراسلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىغىن قەشقەر توغرىلىق دۇنيادا چاقىرىلغان تۇنجى يىغىن بولۇپ، يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتى خادىملىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بېلگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
بۇ يىغىندا قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەپسىلىي بىلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىن ئەھلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.