خۇ پىڭ: بوشىلەينى جازالاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرويىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتىدۇ

چەتئەللەردىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بو شىلەي ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، مەنپەتدار گۇرۇھلاردىن تەشكىللەنگەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بو شىلەينى جازالاشنى قارار قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ۋاڭ لىجۈن تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ كەتكەن سەتچىلىكلەرنى يېپىپ، خەلقئارادا ۋە خىتاي خەلقى ئارىسىدا نەزەردىن چۈشۈپ كەتكەن كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ ئابرويىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

0:00 / 0:00


يېقىندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بو شىلەينىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەم بو شىلەي ۋەقەسى سەۋەبلىك، خىتايدا سىياسى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ دېگەن مۇنازىرىلەرگە نىسپەتەن،سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1. بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، كوممۇنىست ھۆكۈمەتنى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇرلىدى

خۇ پىڭ ئەپەندى ۋاڭ لىجۈن، بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ خىتاي ئۆزىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلدۇق دەپ قارىغان بۇ 30 يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ئوڭايسىز ھالەتتە قالدۇرغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى.

- بۇ يىل 2 - ئايدا يۈز بەرگەن چۇڭچىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىشى ھەمدە خىتاينىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان بو شىلەينىڭ قىلمىشلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋېتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەجەللىك زەربىلەرنىڭ بىرى بولدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان بو شىلەينى جازالاش قارارىنى ئېلىشى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانداقتۇر سىياسى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، خىتايدا قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى نامايەن قىلىش، خىتاي خەلقىنى رازى قىلىش ئۈچۈن بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى بۇ سەتچىلىكلەرنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، بۇ ئىشلارنى يوشۇرۇپ قېلىشقا ئامالى بولمىغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ.

2. بو شىلەينىڭ جازالىنىشى بارلىق پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ جازالىنىش ئېھتىمالىنى كۆرسەتمەيدۇ

خۇ پىڭ ئەپەندى بو شىلەيگە ئارتىلغان پارىخورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى ئومۇمۇملاشقان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسىلىنىڭ كېڭىيىپ پۈتكۈل خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەمەلدارلارغا تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

- مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە مەسىلىنى كېڭەيتىۋەتمەي ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا بو شىلەيگە پەقەتلا پارىخورلۇق، چىرىكلىك جىنايىتىنىلا ئارتىپ، ئۇنى جازالىيالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى خىتايدا ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان تۈزۈمنىڭ ئۆزىلا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا خىيانەت قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش ئۈچۈن چەكسىز ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە. ئەگەر بۇ قېتىم بو شىلەيگە چېتىلىپ، جۇ يۈڭكاڭ قاتارلىق ئەمەلدارلارمۇ جازالانسا، ئۇ ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىلا خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەك. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى قىلماسلىقى مۇمكىن. مېنىڭچە، جۇ يۈڭكاڭ،ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق پارىخورلۇق ھەم چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئاللىقاچان ئىسپاتلىرى ئارقىلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا نىسپەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەم ئېلىشقا چىقىرىش، خىزمىتىنى يۆتكىۋېتىش تەدبىرلىرى ئېلىشى مۇمكىن.

3. يېقىن ئارىدا خىتايدا سىياسى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلماسلىقى مۇمكىن

خۇ پىڭ ئەپەندى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «بو شىلەي ۋەقەسى ۋە 18 - قۇرۇلتايدىن كېيىن خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن»دېگەن قاراشنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىيىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا كىشىلەر ئارزا قىلغاندەك دەۋر بۆلگۈچ زور سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

- چەتئەللەردىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى سىياسىي ئانالىزچىلار بو شىلەي ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە خىتايدا يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان 18 - قۇرۇلتايدىن كېيىن، خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنمۇ دېگەن مەسىلىنى مۇنازىرە قىلماقتا. ئەمما بۇ مەسىلىدە مەن ئۇ قەدەر ئۈمىدۋار ئەمەسمەن. چۈنكى خىتايدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈمىدە مەنپەئەتى بىر - بىرىگە ئۆمۈچۈك تورىدەك گىرەلىشىپ كەتكەن ئەمەلدارلار گۇرۇھى دۆلەتنى باشقۇرماقتا. مانا شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى بۇ تۈزۈمگە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئىمكانىيىتى بولسىلا ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ ھەتتا ئۇلارنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. بو شىلەينىڭ قىلمىشلىرى 2 - ئايدا ۋاڭ لىجۈن تەرىپىدىن ئاشكارىلىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، بو شىلەيگە چارە كۆرۈشتە خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولۇشى مۇشۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئىشەنچى بولمىغىنى ئۈچۈن، ئەركىن رىقابەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان دېموكراتىك سايلام تۈزۈمىنىڭ خىتايدا يولغا قويۇلۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خاراكتېرىگىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇش، تىنچ ياشاش ئېڭى سىڭىپ كەتكەن. شۇڭا يېقىن بىر مەزگىلدە ھازىرقى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېررىشقا مەجبۇرلىغۇدەك زور كۆلەملىك پۇقرالار نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن.