بۇلاقدادامتۇ يېزىسىدىكى سېتىۋالدى قارى دىنىي تەبلىخ سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان

غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسى 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن غۇلجا تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئەڭ كۆپ ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان يېزىلارنىڭ بىرىدۇر. ئىگىلىشىمىزچە، دادامتۇ يېزىسىنىڭ بۇلاقمەھەللە كەنتىنىڭ ئۆزىدىنلا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى 7 گە يېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى سەۋەب مەزكۇر يېزىدىكى سېتىۋالدى قارىدىن دىنىي تەلىم ئالغانلىقىدۇر.

0:00 / 0:00

5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدىن قولغا ئېلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر، يالغۇز مەزكۇر يېزىنىڭ بۇلاقمەھەللە كەنتىدىكى تۇرغان پولات ۋە تۇرسۇن ئاكىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. سېتىۋالدى ھاشىم دادامتۇدىكى دىندار ياشلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە ياشلارنى توپلاپ، دىنىي تەلىم بېرىش، قانۇنسىز تەبلىخ قىلىش سەۋەبى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زاتلارنىڭ بىرىدۇر. لېكىن بۇ يىل 40 ياشلاردىكى 3 پەرزەنتلىك سېتىۋالدى، ھاشىم ئاكا ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بىر‏دىن‏-بىر كىشى ئەمەس. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئەمدىلا ئۆيلەنگەن 20 ياشلاردىكى چوڭ ئوغلى قاسىمجان، كۈيئوغلى تۇرسۇنجان، ئاكىسىنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان بىراقلا تۇتقۇن قىلىنغان.

سېتىۋالدى ۋە ئوغلى قاسىمجانلار پارنىكچىلىق ۋە مىلىچ ماللار دۇكىنى ئېچىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى. ھاشىم ھاجى ئائىلىدىكى بۇ 4 كىشى ھازىر غۇلجىنىڭ يېڭى ھايات تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، سېتىۋالدىنىڭ سىڭلىسى ئادىلە خېنىم دائىرىلەرنىڭ ئاكىسى بىلەن جىيەنىنى ئۆتكەن يىلى 7 ‏- ئايدا تۇتۇپ كەتكەندىن بېرى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، تۇتقۇنلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىدە دائىم تەكىتلىنىدىغان مەسىلە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە چاقىرىقنامە چىقىرىپ، 13 ‏- ۋە 14 ‏- ماي كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەسىلىسىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ قېتىمقى دىئالوگدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن دىئالوگدا قايسى مەسىلىلەرنىڭ، قانداق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس.

دائىرىلەر بۇ يىل 1‏ - ئايدا سېتىۋالدى قاتارلىقلارنى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قانداق كونكرېت"جىنايەت"سادىر قىلغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. سوتتا سېتىۋالدى قاتارلىقلار ئەيىبنامىدىكى قارىلاشنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. سوتچى بولسا ئۇلارنىڭ توپلىشىپ، "كىتاب" ئوقۇغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سېتىۋالدىنىڭ ئىنىسى تىلىۋالدى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى دىنىي ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دادامتۇدىكى ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە قانات يايدۇرغان "توردىن چۈشۈپ قالغانلار"نى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ ھەرىكەت يەنە 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشمىغان، لېكىن جەمئىيەت مۇقىملىقىغا يوشۇرۇن خەۋپ دەپ قارالغان كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى ئۆزىنىڭ مەقسەت نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلغان ئىدى.

بەزى ئانالىزچىلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، بۇ تۈرلۈك ھەرىكەت 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ تەسىرىدە خەتەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ قالغان ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دادامتۇدىكى بىر ئائىلە خانىمى رادىئومىزدا پىكىر بىلدۈرۈپ، ئىككى ئوغلى بارلىقىنى، ئوغۇللىرىنى ھەر ۋاقىت بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالامدىكىن دېگەن ئەندىشىدە ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەرلىك دائىرىلەر بولسا، دادامتۇدىكى قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلىپ، رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. دادامتۇ ساقچىخانىسىدىكى خادىملار چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى يەنە رەت قىلدى.

ھاشىم ھاجى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە، سېتىۋالدى قاتارلىقلار گۇناھسىز، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇشىدا پۇت تىرەپ تۇرغىدەك بىرەر سەۋەب يوقتۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دە 1700 دەك ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەر توختى، بىر ئادەمنى ئادەتتىكى سەۋەبلەر بىلەن مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ خەلقئارا ۋە خىتاي قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي چارە قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.