دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ: ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز

1-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشى ۋە ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشىگە ئائىت سوئال جاۋابلار بولدى.

0:00 / 0:00

1-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا تۈركىيىدىكى سىگان مىللىتى ھەققىدىكى قانۇن مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشى ۋە ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلىشى ھەققىدە دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندى، ئۆكتىچى پارتىيىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسى رەشات دوغرۇ ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

رەشات دوغرۇ ئەپەندى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردىن تۈركىيىگە كېلىۋاتقان ئاغىسكا تۈركلىرى بىلەن خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ تۈركىيىگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئېلىنىشى ھەم تۈركىيىدە تۇرۇشى ئۈچۈن تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سوئال سورىغان.

پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۇ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دۆلەت مىنىستىرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا، ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن ئاغىزكا تۈركلىرىنىڭ ئىنتايىن قېيىن ۋەزىيەتتە تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۈرك ۋەتەندىشى بۆلىشى ھەم تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىشىدا قانۇنى جەھەتتىن بەزى توسالغۇلار بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پارلامېنت ئەزاسى رەشات دوغرۇ ئەپەندىدىن "1-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچتىن سورىغان سوئالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟" دەپ سوئال سورىغىنىمىزدا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

reshat-doghru-turkiye-parlament-ezasi-385.jpg
ئۆكتىچى پارتىيىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسى رەشات دوغرۇ ئەپەندى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا. (RFA/Erkin Tarim)

"سىلەرگىمۇ مەلۇم تۈركىيىدە بىز رومانلار دەپ ئاتايدىغان سىگان مىللىتى بار. پارلامېنتتا ئۇلار ھەققىدىكى بىر قانۇن ماددىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پارلامېنتتىكى بۇ ئومۇمىي يىغىندا ئۇيغۇرلار بىلەن ئاغىزكا تۈركلىرى مەسىلىسىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدۇق. 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈرك دۇنياسىدا ئەڭ قىيىن ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلار شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئاغىزكا تۈركلىرى. خىتايلار بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۇغقان يوقلاپ تۈركىيىگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىش، ئۇلارغا تۇرۇش رۇخسىتى بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشى جەھەتتە ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىۋاتامدۇ؟ دەپ سوئال سورىدىم. تۈرك ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيىگە كەلگەندە كەسپىگە قاراپ خىزمەت تېپىشىغا، ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش بىر ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى."

رەشات دوغرۇ ئەپەندى دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۈگۈن تۈركىيىدە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن تۈركىيىدە تۇرۇش ئۈچۈن رۇخسەت كىنىشكىسى، يەنى، ئىقامەت ئالالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

"دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قېرىندىشىم ھازىر يېنىمدا تۇرۇپتۇ تۈركىيە پارلامېنتىدىن تۇرۇش رۇخسىتى تەلەپ قىلىپ بىزنى ئىزدەپ كەپتۇ. بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭغا تېخىچە تۈركىيىدە تۇرۇش رۇخسىتىمۇ بېرىلمەپتۇ. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدىشى ئۇلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك. مەن بۇ رادىئو ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا سالىمىمنى يوللايمەن، ئۇلارنىڭ داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن."