ئى خ خ ۋەقپى باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

بۈلەنت يىلدىرىم باشچىلىقىدىكى 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 5-ئاينىڭ 29-كۈنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئى خ خ يەنى ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قىزغىن كۈتۈۋالدى.

ئالدى بىلەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ھەيئەتكە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باغچىسىدىكى ئاسىيا خەرىتىسىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

bulent-yildirim-uyghur2-385.jpg
ئى خ خ ۋەخپە باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. 2011-يىلى 29-ماي.

تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى ئالدى بىلەن قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ پەلەستىن، بوسنىيە ۋە كەشمىردىكى مۇسۇلمانلار دۇچار بولغان زۇلۇمدىن 10 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىش ئۈچۈن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا «ئەركىن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. بىز بۇ مۇزاكىرە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.