بۇلغارىيە پارلامېنتى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى تۈپەيلىدىن تۈركلەردىن ئەپۇ سورىدى

بۇلغارىيە پارلامېنتىدا 1989 - يىلىغىچە بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھۆكۈمىتى تۈركلەرگە ئېلىپ بارغان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن بىر قارار قوبۇل قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە قوبۇل قىلىنغان بۇ قارار لايىھىسى بۇلغارىيە دۆلىتىنىڭ مۇسۇلمان تۈركلەرگە ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى بولۇپ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بۇلغارىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كۈچلۈك بۇلغارىيە ئۈچۈن دېموكراتلار پارتىيىسى باش سېكرىتارى ئىۋان كوستوف تەييارلىغان بۇ قارار لايىھىسى بۇلغارىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ، 112 گە قارشى 115 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان. 3 پارلامېنت ئەزاسى بىتەرەپ تۇرغان. بۇ قاراردا بۇلغارىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى باش سېكرىتارى دۆلەت رەئىسى تودورژىۋكوف مەزگىلىدە بۇلغارىيىدىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ تېپىپ چىقىرىلىپ سوتلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا بۇلغارىيىدىكى بەلەنە ئۆلۈم لاگىرى كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. بەلەنە لاگىرى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تودورژىۋكوف تەرىپىدىن ئېچىلغان ۋاقتىدا، سوتسيالىزم تۈزۈمىگە قارشى چىققانلارنى سولايدىغان بىر لاگىر ئىكەنتۇق. ئەمما 1980 - يىلىغا كەلگەندە بۇ لاگىر بۇلغارىيىدىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىدىغان بىر ئۆلۈم لاگىرىگە ئايلانغان. بۇ لاگىرغا سولانغان تۈركلەر «بالاڭنى خەتنە قىلدۇردۇڭ»، «مۇسۇلمانچە ئىسم قويدۇڭ»، «ئانا تىلىڭدا گەپ قىلدىڭ» دەپ ئەيىبلىنىپ تۈركىيىگە كۆچۈپ كېتىشكە زورلانغان. تۈركىيىگە كۆچۈپ كېتىشنى قوبۇل قىلمىغان تۈركلەرگە قارشى تەن جازاسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى مىللەتچى بۇلغارلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلارغا جايلاشتۇرۇپ قىيناپ جازالىغان. نۇرغۇنلىغان تۈرك خانىم - قىزلىرى لاگىردا تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان. مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، تودورژىۋكوف رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى بۇلغارىيىدىكى بىر مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە تۈركلەرنى تامامەن ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوق قىلىۋېتىش ئىكەن. بۇ سەۋەبلەردىن تۈپەيلى 1989 - يىلى 360 مىڭ بۇلغارىيىلىك تۈرك تۈركىيىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ كىشىلەرنىڭ پۈتۈن مال - مۈلكى بۇلغارىيىدە قالدى. بۇ تۈركلەرنىڭ مال - مۈلكىنى، يەرلىرىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن ئېچىلغان سوت داۋاملاشماقتا.

بۇلغارىيە 1396 - يىلىدىن 1876 - يىلىغىچە ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغاچقا بۇلغارىيىدە كۆپ ساندا تۈرك يېزىسى بار.

دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر تارىختا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكى تۈپەيلى خەلقىدىن ئەپۇ سوراۋاتقان كۈنىمىزدە، خىتاي دۆلىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىدۇ؟ خىتاي دۆلىتى قاچان ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورار دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.