قار ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىگە ئۇچرىغان خەلق ئاتالمىش 'مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئاۋانگارتلار'دىن ئۆگىنىشكە زورلانماقتا

فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىلى تەۋەسىدە تۇيۇقسىز ئىللىپ كەتكەن ھاۋا، بۇ يىل قىش ياققان پەۋقۇلئاددە قېلىن قارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېرىتىپ، ئىلى رايونىدا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرگەن. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، رايوندىكى دېھقانلار قىشىچە يۈز بەرگەن قار ئاپىتى ھەم كۆز ئالدىدىكى كەلكۈننىڭ دەردىنى تارتالماي تۇرغىنىدا، ئۇلارغا ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئاۋانگارت، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى مەمەت ئۆمەردىن ئۆگىنىپ، 3 خىل بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش" ئالۋىڭى ئارتىلغان.

0:00 / 0:00

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ۋادىسىدا 19‏ - فېۋرالدىن باشلاپ يېغىشقا باشلىغان قار ئارىلاش يامغۇر، بۇ يىل باشلانغاندىن بۇيان يېغىپ ئېرىمىگەن قار دۆۋىلىرىنى ئېرىتىپ، رايوندا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. يەرلىك ھاۋا رايى ئىدارىلىرى بۇ خىل قار ئارىلاش يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كىلىماتىنىڭ 28‏ - فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ25 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلى ۋادىسىدىكى غۇلجا ناھىيىسىدە كەلكۈن ئاپىتى ئەڭ ئېغىر بولغان بولۇپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ قاش، خۇدىيار يۈزى، ئۇيغۇر ئۇچۇن، يېڭىتام، ساميۈز، سادىقيۈزى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق يېزىلىرى قار ئارىلاش يامغۇر ھەم كەلكۈننىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان. 24 - فېۋرالغىچە ناھىيە تەۋەسىدە 100 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان دېھقانلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئاپەتتە زىيان تارتقىنى يەنىلا يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەم تاغلاردىكى قازاق چارۋىچىلار بولغان. ئۇدا نەچچە كۈنگىچە توختىماي يېغىۋاتقان قار ئارىلاش يامغۇرنىڭ دەستىدىن دېھقانلارنىڭ سوقما تام ھەم خام كېسەكلەردە سېلىنغان، ئۆگزىسىگە لىم ياغاچلار ئېلىنىپ، ئۈستىگە بورا يېپىلىپ، سامان لاي سېلىنغان ئۆيلىرىدىن يامغۇر ئۆتۈپ، كونىرىغان ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە باشلىغان. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇلتۇر ئەتىيازدا دېھقانلارنىڭ ئېتىز - باغلىرىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتكۈزۈپ ياساتقان پارنىكلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ئۆگزىلەرگە ياپىدىغان سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئاش - ئوزۇقى تۈگەپ سېرىقتال مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان دېھقانلارنىڭ بۇ خىل يوپۇقلارنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگىگەنلىكى ئۈچۈن مال قوتانلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

ناھىيە تەۋەسىدىكى تاغلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلار تۇيۇقسىز ئىللىغان ھاۋا تەسىرىدىن ئېرىپ ئېگىز تاغلاردىن غۇلاپ چۈشكەن قار كۆچۈش، قىيان كېلىش دەستىدىن مال - چارۋىلىرى قىياندا ئېقىپ كېتىپ، مال قوتانلىرى قار ئاستىدا قالغان. قىشتا ئوزۇق ‏- تۈلۈكى يېتىشمەي ئۆلگەن چارۋىلار مانا ئەمدى قىياندا ئېقىپ كېتىش، كۆچكەن قار ئاستىدا قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، نۇرغۇن چارۋىلار ئۆلگەن.

تۈنۈگۈن غۇلجا ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان، بۇ يىلقى ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ دەردىنى تارتالمايۋاتقان غۇلجا دېھقانلىرىنىڭ ھازىر يەنە ئونيار يېزىسىدىن چىققان "مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئاۋانگارت، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى مەمەت ئۆمەردىن ئۆگىنىش" ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، يېزىلاردىكى كەنتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ كەنتلەردىكى ئىشخانىلاردا تورۇسلارغا سۇلياۋ يوپۇقلارنى تارتقان ھالدا يېڭى ھۆججەت روھىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى نارازىلىق بىلەن بايان قىلدى.

24 - 25 فېۋرال كۈنلىرى، شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى ھەم ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قاراش كۈرەش سېپىدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، نەمۇنىچى كەنت پارتىيە سېكرېتارى مەمەتجان ئۆمەردىن ئۆگىنىشكە چاقىردى"، "مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ مەقسىتىگە يېتىشكە يول قويمايلى" دېگەن تېمىدىكى چوڭ خەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.

ماقالىلەردە مەمەت ئۆمەرنىڭ 97 - يىلى ئىلىدا يۈز بەرگەن "5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" ھەم بۇلتۇر يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" جەريانىدا كومپارتىيىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ "مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش" تە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ھەم بۇ يىللاردا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىشتە ئاكتىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ تىكلەنگەنلىكىنى، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان قار ھەم كەلكۈن ئاپىتى ئالدىدا خەلقنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەمەت ئۆمەردىن ئۆگىنىپ، مەيدانى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىپ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلى رايونىدا شۇ قەدەر ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشىنى ئەمەس، بەلكى قانداقتۇر ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئاۋانگارتتىن ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىشى"نىڭ بۇ تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلشات ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى، خەلق ئېغىر ئاپەتكە ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىشنى چەكلەپ مۇقىملىقنى تەكىتلىشى ھەم مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىشنى ئاساسىي خىزمەت قىلىپ تۇتۇشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، رايوندا 1997 - يىلدىكى "5 - فېۋرال" ۋەقەسى، ھەم 2009 - يىلىدىكى "5 - ئىيۇل" ۋەقەسىدەك زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يىلقى "كەلكۈن ئاپىتى" يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە مەمەت ئۆمەرگە ئوخشاش "ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى"نى تىكلەپ چىقىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلماقچى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.