بۈگۈن، يەنى2009 - يىلى 25 - فېۋرال كۈنى، ياپونىيىنىڭ فاكۇرا تېلېۋىزىيىسىدە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى دېگەن تېمىدا تېلېۋىزىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن. سۆھبەتكە توكيودىكى مەشھۇر سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 7 كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، سۆھبەت جەريانى تېلېۋىزىيەنىڭ مەدەنىيەت قانىلى نەق مەيداندىن تارقىتىلغان. سۆھبەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام توختىمۇ قېتىلغان. سۆھبەت جەريانىدا، قەشقەردە يولغا قويۇلغان بۇرۇت چەكلەش تۈزۈمى قىززىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇتنىڭ بۈگۈن ياپونىيىدىكى فاكۇرا تېلېۋىزىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن بىز مەلۇمات بەردى. تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، خىتايدىكى مىللىي رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى مۇنازىرە تېمىسى بولغان.
سۆھبەتتە، ئىلھام ماخمۇت، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تالان - تارج قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىلچە بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېغىر مۇھتاجلىق تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ۋە ئەخلاق جەھەتتىن چېكىنىۋاتقانلىقى؛ يەنە ئەشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قانۇنىدا بەلگۈلەنگەن ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشقىمۇ قۇربى ۋە جاسارىتى يەتمەيۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىلھام ماخمۇت ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئىچىدە بۇرۇت مەسىلىسى كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇرۇت قويۇشنى چەكلەش دۆلەتنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ قىياپىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش تۈزۈمىگە ئۇيغۇن بولغان نورمال بىر سىياسەت. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە، جۈملىدىن ھايات شەكلىگە قوپاللىقچە ۋە ئەدەپسىزچە ئارىلىشىش. سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىش تىرىشچانلىقىنىڭ ھەجۋىيلىشىشى.
ئىلھام ماخمۇت تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە يەنە، خىتاينىڭ ھېچبىر ئۆلكىسىدىلا، ئەمەس، دۇنيانىڭ ھىچ بىر يېرىدە يولغا قويۇلۇپ باقمىغان سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ نۇقتىدا، پۈتۈن دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا ئانا تىلنى قەدىرلەشنى يۈكسەك بىر مەدەنىيەت ساناۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيادا زېمىنىدىن نېفىت چىققان مىللەتلەر گۈللىنىۋاتقان پەيتتە خىتاي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ %32 ئىنى تەمىنلەۋاتقان ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ نامراتلىشىۋاتقانلىقىنى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن بايان قىلغان.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقۇرىدا بىز سىلەرگە، قەشقەردە يولغا قويۇلغان بۇرۇت چەكلەش تۈزۈمىنىڭ ياپونىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە مۇنازىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.