بۇش: " بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە يانتاياق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز"

23 - سېنتەبىر، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئومۇمى يىغىنى باشلاندى. يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۆلەتلەردە تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇتۇقنى سۆزلىدى.

0:00 / 0:00

جورج بۇش بۇ نۆۋەتلىك نۇتقىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تېررورلۇققا قارشى كۆرەش قىلىش بىلەن مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا ۋە يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئىزچىل قوللاشقا چاقىردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇم يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى ئۇرۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بۇندىن 63 يىل مۇقەددەم سان فرانسىسكو شەھىرىدە، ئىنسانىيەتنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ھەمدە شۇ ئاساستا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىنى بېكىتىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پرېزىدېنت بۇش": بىزنىڭ ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياج تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار"

پرېزىدېنت بۇش بۇ نىزامنامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى ئەمەلدە ئاشۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھازىر، تېررورلۇق ۋە باشقا شەكىلدىكى رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىلدىكى رىقابەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنىڭ يىغىن ئەھلىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: " مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزدە دۆلەتنى مەسئۇلىيەت بىلەن باشقۇرۇش، مەسىلىلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. بىزنىڭ ئۆز تېررىتورىيىمىزدە تېررورلۇق، ئادەم بېدىكچىلىكى ۋە تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ جەننىتى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بىزنىڭ يەنە، ئۆز خەلقىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، ۋە ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياج تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار."

پرېزىدېنت بۇش نۇتقىدا تېررورلۇق ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى، تېررورلۇق ۋە مۇستەبىتلىكىنى تۈگىتىشنىڭ دۇنيانى تېخىمۇ پارلاق يولغا باشلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ھەر خىل شەكىلدىكى ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئورنىغا بىز ئاكتىپ ھالدا مۇستەبىت دۆلەتلەرگە شەرت قويۇشىمىز، تېررور ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويغان ئەللەرنى نائۈمىد قويۇشىمىز كېرەك. بىر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق زامانىمىز دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرالايمىز ھەمدە شۇندىلا دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ گۈللەنگەن ھەمدە ئۈمىد‏ - ئارزۇلارغا تولۇپ تاشقان يولغا يېتەكلىيەلەيمىز."

جورج بۇش: "قاچانلىكى پۇقرالارغا ئۆز باشلىقلىرىنى تاللاش ھوقۇقى بېرىلسە، ئۇلار رادىكال ئىدېئولوگىيىلەردىن مەنا ئىزدەشكە ئۇرۇنمايدىكەن"

پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك نۇتقىدا ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، پرېزىدېنت بۇش بۇ ھەقتە 21 - ئەسىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە كۆرسىتىلگەن تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ۋەدىلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنە دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدۋار بىر يولنى يەنى، كىشىلەر ئەركىن پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، ئۆزى خالىغان شەكىلدە دىنغا ئىشىنەلەيدىغان ھەمدە ئەركىنلىك غايىلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدىغان بىر يولنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جورج بۇش يەنە ئەركىنلىك تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ خۇددى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە:"تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قاچانلىكى پۇقرالارغا ئۆز باشلىقلىرىنى تاللاش ھوقۇقى بېرىلسە، ئۇلار رادىكال ئىدېئولوگىيىلەردىن مەنا ئىزدەشكە ئۇرۇنمايدىكەن. ھۆكۈمەت ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىدىكەن، پۇقرالارمۇ ئۆز قوشنىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا باشلايدىكەن."

پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك نۇتقىدا دىققەتنى تارقىتىدىغان يەنە بىر تەرەپ بولسا، ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مۇستەبىتلىك بىلەن تېررورلۇققا ئوخشاش سالماقتا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغانلىقى بولۇپ، بۇش بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى مۇستەبىتلىككە قارشى ، خۇددى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلغاندەك شىددەت بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك."

جورج بۇش: " مەيلى قايسى زامان، ۋە مەيلى قايسى ماكاندا بولسۇن خەلققە تاللاش ھوقۇقى بېرىلسىلا، ئۇلار ئەركىنلىكنى تاللىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر"

بۇش يەنە ۋە ھازىر دۇنياغا يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: " بىز شۇنىڭغا شاھىت بولدۇقكى، كىشىلەر ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا غەيۇر قارارلارنى ئالدى. باشقىلارنىڭ كۆرسەتكەنلىرىنىڭ ئەكسىچە، مەيلى قايسى زامان، ۋە مەيلى قايسى ماكاندا بولسۇن خەلققە تاللاش ھوقۇقى بېرىلسىلا، ئۇلار ئەركىنلىكنى تاللىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر."

بۇش يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارشى پىكىردىكىلەرنى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دېموكراتىيە فوندى بىلەن قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى، ھەمدە بۇ خىل قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: "دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەر ئەركىنلىك ئۈچۈن باتۇرانە كۆكرەك كىرىپ چىقماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدەك كۆپ تەرەپلىك جەمئىيەتلەر بۇلارغا ئارقا تېرەك بولۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك."

جورج بۇش: " بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە يانتاياق بولۇشىنى داۋاملاشتۇرىمىز"

بۇش نۇتقى جەريانىدا بۈگۈن بۇ يىغىلىشقا گرۇزىيە، لىۋان، ئافغانىستان، لىۋىيە، ئىراق ۋە باشقا يېڭىدىن مەيدانغا چىقىۋاتقان باتۇر دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇلارنى مەدھىيىلەپ: "بىز سىلەرنىڭ غەيرىتىڭلارغا قايىلمىز. بىز سىلەر بەرگەن قۇربانلىقلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. بىز سىلەرنىڭ ئىلھام بېغىشلايدىغان ئۆلگەنلەرگە ئاپىرىن قويىمىز. بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە يانتاياق بولۇشىنى داۋاملاشتۇرىمىز،" دېدى.

بۇش نۇتقىدا يەنە دۇنيا رەھبەرلىرىنى نامراتلىق، كېسەللىك، ساۋاتسىزلىق، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ۋە ئاخىرىدا، گەرچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇستەبىتلىككە خاتىمە بېرىش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.