ئامېرىكا پرېزىدېنت جورج بۇش بېيجىڭدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بېيجىڭدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى. ئۇ ئالدىنقى كۈنى تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوكتا خىتايدىكى كىشىلىك مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

0:00 / 0:00

8 - ئاۋغۇست ئەتىگەندە، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى يېڭى ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا قاتناشقان ئامېرىكا پرېزىدېنت جورج بۇش مۇراسىمدا تەبرىك سۆز قىلدى ۋە خىتاينى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى.

پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي ۋە سەمىمىيلىك ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ، بۇ سەمىمىيلىكىنىڭ يەنە، سۆز پىكىر ۋە ئېتىقات ئەركىنلىكى جەھەتتە سەمىمىي بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پرېزىدېنت بۇش: " ھەر بىر ئادەمدە ئۆزى ئويلىغىنىنى قورقماي بايان قىلالايدىغان ئەركىنلىك بولۇشى كېرەك"

ئۇ مۇندا دېدى: " بىز يەنە ھەر بىر ئادەمدە ئۆزى ئويلىغىنىنى قورقماي بايان قىلالايدىغان، ۋە ئۆزى تاللىغان دىنغا ئېتىقات قىلالايدىغان ئەركىنلىك بولۇشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىمىز ھەققىدە سۆز ئېچىشنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز."

بۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا سەپىرى جەريانىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىككىنچى قېتىم تىلغا ئېلىشى ۋە خىتاينى ئۆز خەلقىگە دىنىي ئېتىقات ۋە سۆز - پىكىر ئەركىنلىكى بېرىشكە يەنە بىر قېتىم قىستىشى بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى كۈنى تايلاند پايتەختى بانكوكتا خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى.

پرېزىدېنت بۇش 7 - ئاۋغۇست تايلاند پايتەختى بانكوكتا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: "مەن خىتاي رەھبەرلىرىگە بىزنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى، ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېنىق، سەمىمىي ۋە ئىزچىل بايان قىلىپ كەلدىم" دېگەن ئىدى.

پرېزىدېنت بۇش: "خىتاي خەلقى ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى بولغان نېگىزلىك ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا مۇناسىپ"

پرېزىدېنت بۇش يەنە، ئۆزىنىڭ خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە: " ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى بولغان نېگىزلىك ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا خىتاينىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

جورج بۇش :"پىكىر - ئىدىيىلەرنى ئەركىن ئىپادىلەشكە يول قويۇلىدىغان جەمئىيەت: ئەڭ تىنچ جەمئىيەت"

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، 8 - ئاۋغۇست ئەتىگەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى نۇتقىدا يەنە خىتاي جەمئىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، سۆز - پىكىر ئەركىنلىكى بولغان جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ تىنچ ۋە باياشات بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە:" بىز شۇنىڭغا چوقۇر ئىشىنىمىزكى، پىكىر - ئىدىيىلەرنى ئەركىن ئىپادىلەشكە يول قويۇلىدىغان جەمئىيەت، ئەڭ باياشات ۋە ئەڭ تىنچ جەمئىيەت بولۇپ چىقالايدۇ."

پرېزىدېنت بۇش شۇ كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 8 دە بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.