پرېزىدېنت بۇ مەسىلىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدۇ
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنتنىڭ ئەپۇ سورىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئامېرىكا باياناتچىسى بۇ مەسىلىدە ئېلان قىلغان بىلدۈرۈشىدە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ نۇرى مالىكى بىلەن سۆزلەشكەندە، مەزكۇر ھەربىي خادىمنىڭ سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. نۇرى مالىكىمۇ مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئىراقلىقلاردا غەزەپ ۋە نارازىلىق ھېسىياتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەلچىخانە باياناتچىسى پرېزىدېنت بۇشنىڭ تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ "ئامېرىكا ئەسكىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر قىلمىش" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قوماندانلىرىمۇ ئەپۇ سورىدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ مەسىلىدە مەخسۇس ئەپۇ سورىشى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇھىم تېمىسى بولۇپ قالدى ھەمدە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئەسكەرنىڭ قىلمىشىنىڭ مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئىراقلىقلار ئارىسىدا كۈچلۈك سەلبىي ئىنكاس پەيدا قىلىشىنى خالىمىغان ئامېرىكا ھەربىي تەرەپمۇ ئىراقلىقلاردىن ئەپۇ سوراش قارارىغا كەلگەن. ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى گېنېرال مايور جەفەرى خانموند ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان. مەزكۇر ئامېرىكا گېنېرالى شەنبە كۈنى باغداتنىڭ يېنىدىكى رادۋانىيىدىن كەلگەن دىنىي رەھبەرلەر ۋە قەبىلە باشلىقلىرى ئالدىدا ئەپۇ سوراپ، " مەن بۇ يەرگە سىلەردىن ئەپۇ سوراپ كەلدىم" دېگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا ۋاكالىتەن قەلبىنى ئىزھار قىلىش بىلەن بىرگە يەنە مەزكۇر ئەسكەرنىڭ قىلمىشىنىڭ جىنايەت خاراكتېرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە "مەن بۇ زېمىنگە سىلەرنى قوغداش ئۈچۈن، سىلەرنى قوللاش ئۈچۈن كەلدىم، سىلەرگە زىيان سېلىش ئۈچۈن كەلمىدىم" دېگەن شۇنىڭدەك يەنە مەزكۇر ئەسكەرنىڭ قىلمىشىنىڭ "بىر خاتالىق ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يەنە بىر نەپەر ئامېرىكا ھەربىي ئوفىتسېرى بولسا، قۇرئاننى سۆيۈش ئارىلىق ئوز ھۆرمىتى ۋە ئەپۇسىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئەسكەر قايتۇرۇپ كېتىلگەن
ئىسمى ئوچۇق ئېلان قىلىنمىغان مەزكۇر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قۇرئاننى ئېتىپ مەشىق قىلىش ۋەقەسى 9 - ماي كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوق ئېتىلغان قۇرئان ئىككى ئۆتكەندىن كېيىن تېپىلىپ، ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ باغداتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت لىئويد ئائۇستىن بولسا، ئىراق باش مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر ئەسكەرنىڭ ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بىر ئاددىي ئەسكەرنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن ئۆزى بىۋاسىتە ئەپۇ سورىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراقتىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۈچىيىشى مۇمكىن بولغان نارازىلىقلارنى پەسەيتىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا تەرەپمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشماقتا. تېخى يېقىندىلا پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرقتە بەش كۇن زىيارەتتە بولۇپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچراشقان ھەمدە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش، ئىراق، ئافغانىستان مەسىلىلىرىدە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.