تۇنجى ۋە بەلكى ئاخىرقى رەسمىي ئۇچرىشىش
خوككايدودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى. بۇ سۆھبەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا سابىق پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن دەۋرىدىن تارتىپ ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە مۇزاكىرە قىلغان.
مەزكۇر تېما ئۆتكەن يىلى سەككىز سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى جەريانىدىمۇ بۇش بىلەن سابىق پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشىدا شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە قېتىملىق مەخسۇس ئۇچرىشىشلىرىدىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆرۈنەرلىك نەتىجە بولماي، يېڭى پرېزىدېنت مېدۋېدېۋغا قالغان ئىدى. رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇش مېدۋېدېۋنى، "ئۇنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق، ئاسان تىل تاپقىلى بولىدىغان، ئىشەنچىگە تولغان ئادەم" دەپ ماختىغان.
ئورتاقلىشالمىغان تەرەپلەرمۇ مەۋجۇت
رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ " ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ چېخىيە ۋە پولشادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى مەسىلىسىدە مېدۋېدېۋ قارشى پىكىرىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل سىستېمىنى لىتۋاغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەلۋەتتە، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، گەرچە ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭ ھەرگىز رۇسىيىگە قارىتىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن رۇسىيە يەنىلا شەرقىي ياۋروپادا مۇنداق سىستېمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆزىگە نىسبەتەن تەھدىت دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى، شەرقىي ياۋروپادىكى ۋە بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مەزكۇر ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ۋە ئەزالىققا ئىنتىلىشىمۇ ئوخشاشلا رۇسىيىنى بىئارام قىلماقتا. ئەلۋەتتە، ئۇكرائىنىيە بىلەن گرۇزىيە مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرىشكە تىرىشقان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇلارنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەنلىكىم ئۈچۈن رۇسىيە گرۇزىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشقا ئىنتىلىۋاتقان ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى پرېزىدېنت بۇ مەسىلە ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئالغان. بۇش بىلەن مېدۋېدېۋ ئۇچراشقان بۇ كۈنلەردە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس ياۋروپادىكى تۆت دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ بۇ سەپەردە چېخنى زىيارەت قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمگە ئىمزا قويىدىكەن.
ئىراننى ئۇران تاۋلىماسلىققا بىرلىكتە دەۋەت قىلىدۇ
پرېزىدېنت بۇش بىلەن پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ سۆھبەت جەريانىدا يادرو قوراللىرىنى چەكلەش جۈملىدىن ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئۇلار بىردەك ھالدا ھەمكارلىشىپ، ئىراننىڭ ئۇران تاۋلىشىنى توختىتىشقا پۈتۈشكەن. رۇسىيە ئەسلىدە ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ، ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ ئىراننى جازالاش پوزىتسىيىسىگە قارشى چىققان ئىدى.
پرېزىدېنت بۇش ئۆزىنىڭ يەنە ئالتە ئايدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالىدىغانلىقى، شۇڭا بۇ ۋاقىت ئىچىدە مېدۋېدېۋ بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلەر نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ھەمكارلىشىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. " ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا يېقىندىن ھەمكارلىشىش ئېلىپ بارغان، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئىران ھۆكۈمىتىنى ئۇران تاۋلاش پائالىيىتىنى توختىتىش جەھەتتە قايىل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز " دەيدۇ ئۇ سۆزىدە. دمىترىي مېدۋېدېۋمۇ جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستانە دىئالوگنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ كېلەر قېتىمقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئايرىم ئۇچرىشىشلار
سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق ھالدا بىر قاتار خەلقئارالىق ھەم رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندىن سىرت يەنە بىر قىسىم دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ ئەنئەنە مەزكۇر تەشكىلات ئىش باشلىغاندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىمقى ئۇچرىشىشلاردا مۇھىم ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنىڭ قەدەملىرى بېسىلىدۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ھەم باشقىلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بروۋن، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل قاتارلىقلار بىلەنمۇ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇ ئەمەلىيەتتە مېدۋېدېۋنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق چوڭ سورۇنغا قاتنىشىشى ھەمدە ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، رۇسىيىدىن ئىبارەت سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرىدىن باشقا يەنە، خىتاي، ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيا - ئافرىقىنىڭ 20 دىن ئارتۇق دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ سورۇندا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ بار بولۇپ، ئۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى ياسۇئو فۇكۇدا بىلەن ئايرىم ئۇچراشتى. ياپونىيە - خىتاي رەھبىرى كۆرۈشكەن بۇ كۈنى دەل 1937 - يىلى ياپونىيە ئارمىيىسى لۇگوچاۋدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە ھۇجۇم قوزغىغان كۈن ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ بىر تەسادىپىي توغرا كېلىپ قالغان بولسا كېرەك.