پرېزىدېنت بۇش مۇسۇلمانلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا مۇسۇلمان جامائەت ئەربابلىرىغا ۋە ۋاشىنگتوندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئەلچىلىرىگە ئىپتار زىياپىتى بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى مۇبارەكلىدى.

0:00 / 0:00

ئىپتار زىياپىتى بېرىلگەن ۋاقىت خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىلجان ھاجىكېرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خىتاي دىنىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىلىقلارنى خىتاي پۇقرالىرىدا دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىغا ئىشەندۈرمەكچى بولغان مەزگىللەر ئىدى. بۇش ئىپتار زىياپىتىدىكى تەبرىك سۆزىدە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ "رامىزان ئېيىغا مۇبارەك" دېدى.

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جامائەت ئەربابلىرىغا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىلىرىگە ھەر يىلى رامىزاندا ئىپتار زىياپىتى بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش پرېزىدېنت جورج بۇش ئامېرىكىدا ھاكىمىيەت سورىغان 8 يىلدىن بېرى، ئاقساراي يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر ئەنئەنە بولۇپ قالدى.

پرېزىدېنت بۇش مۇسۇلمان جامائەت ئەربابلىرىغا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر باش ئەلچىلىرىگە بېرىدىغان بۇ يىلقى ئىپتار زىياپىتىنى چارشەنبە كۈنى بەرگەن بولۇپ، ئىپتارچىلار روزىنى ئاقسارايدا ئاچتى. بۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئامېرىكىدا ھاكىمىيەت سورىغاندىن بېرى 8 ‏ - قېتىم ئىپتار زىياپىتى بېرىشى شۇنداقلا چارشەنبە كۈنىدىكى ئىپتار بۇشنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بەرگەن ئاخىرقى ئىپتار زىياپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىپتار زىياپىتىدە سۆزلىگەن تەبرىك سۆزىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىنى مۇبارەكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇش،" رامىزان ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ئاساسلانغاندا تەڭرىنىڭ كالامى بولغان مۇقەددەس قۇرئاننىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئېيىدۇر. بۇ كالام دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس دىنلارنىڭ بىرى بولغان بۇ دىننىڭ ئاساسىنى تەشكىللىمەكتە. بۈگۈن دۇنيادىكى بىر مىليارتتىن ئارتۇق مۇسۇلمان رامىزاننى كۈندىلىك روزىسى بىلەن خاتىرىلەپ، سەمىمىي دۇئا قىلماقتا ۋە سەدىقە بەرمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.

بۇش ھاكىمىيەت سورىغان مەزگىلدە ئىپتار زىياپىتى ئاقساراينىڭ ئادىتىگە ئايلانغان بىر دەۋر بولۇپ، بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى سەزگۈر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسى، ئىسلامى رادىكالىزمغا قارشى ئۇرۇش قوزغاش، ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىش، ئىراقنى ئىگىلەش قاتارلىقلار مۇناسىۋەتتىكى بۇ سەزگۈرلۈكنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئىدى.

بۇش ئىسلامنىڭ مۆھتەرەم تارىخى بارلىقى، ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇش مۇنداق دەيدۇ": بىز رامىزان جەريانىدا ئىسلامنىڭ ئۇزۇن ۋە مۆھتەرەم تارىخىنى خاتىرىلىمەكتىمىز. ئىسلام دۇنياسى ئەسىرلەردىن بېرى بىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن. مۇسۇلمان پەيلاسوپلار ۋە ئالىملار ئىنسانىيەت بىلىم بۇلۇقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ھەر قايسى دىنلارغا مەنسۇپ كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ پەلسەپە ۋە شېئىرىيەت، ماتېماتىكا ۋە تىبابەتچىلىككە قەدەر ساھەلەردە قوشقان تۆھپىسىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن."

پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ دىندار پرېزىدېنتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ دەۋرى دىنىي ئەركىنلىك ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىپتارچىلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، لېكىن مۇتەئەسىپلىكنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش": دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ بىرى دىنىي ئېتىقادلارنىڭ كۆپ خىللىقىدۇر. ئامېرىكىلىقلار ئوخشىمىغان نۇرغۇن دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. لېكىن بىزنىڭ ھەممىمىز دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەركىن بولۇشى كېرەكلىكىدە ئورتاقلىقىمىز بار. بىز ھەر تۈرلۈك مۇتەئەسىپلىكنى رەت قىلىمىز. ھۆكۈمىتىم ئۆتكەنكى 8 يىلدا مۇسۇلمان ئامېرىكىلىقلار بىلەن ھەر قايسى دىنىي ئېتىقادلارنىڭ ئادالەتلىك مۇئامىلىگە ئۇچرىشى، تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرگە خىزمەت قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ "دەپ تەكىتلىدى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئىپتار زىياپىتى بەرگەن مەزگىلى خەلقئارا مەتبۇئاتلار، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر كادىرلار، زىيالىيلار، ياشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش، ئاشخانا ۋە رېستوران خوجايىنلىرىنى كۈندۈزى خېرىدار كۈتۈشكە مەجبۇرلاش بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىپتار زىياپىتى كۈزەتكۈچىلەردە خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ مۇسۇلمان ئەرباپلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرەلەيدىغان ئەھۋالغا يېتەلەمدۇ ؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلاتتى. ئامېرىكىدىكى تۈركولوگىيە پەنلەر دوكتورى، خىتايشۇناس ۋە يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى قاھار بارات ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىدىغان ئەھۋالغا كېلىشى ئۈچۈن ئۇزۇن يول مېڭىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئاقسارايدا بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ ئىمامى ئابدۇللا خۇلۋە دۇئا قىلدى. ئۇ دۇئاسىدا ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە كۈچ - قۇۋۋەت، سەۋرى - تاقەت ۋە ئەقلى - پاراسەت، ھەر دائىم ئىنتىزام ۋە ساداقەتمەنلىك ئاتا قىلىشىنى تىلىگەن.

پرېزىدېنت بۇش ئىپتارچىلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلار بىلەن ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىز يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئىلگىرى ئەركىنلىك نىسىپ بولمىغان مىليونلىغان خەلققە ئەركىنلىك تارقىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. بىز ئىراق ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمكار ھاكىمىيەتلەردىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا ياردەملىشىۋاتىمىز."

بۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا پەن تېخنىكا تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى ماختاش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، "بىز رامىزان ئېيىنىڭ سايىسىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنى ئەسلەيمىز. ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار. مەن ئۇلارنىڭ باش قوماندانى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن" دەيدۇ.